3 ئۇلارغا ئېيتقىن: «دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدىكى روھانىيلار توختىغان يەردىن 12 تاشنى ئېلىپ، بۈگۈن كەچتە سىلەر قارارگاھ قۇرىدىغان يەرگە ئېلىپ بارسۇن.»
مەن خاتىرە تاش تىكلەپ قويغان بۇ جاي ئىنسانلار ساڭا ئىبادەت قىلىدىغان مۇقەددەس جاي بولىدۇ. ماڭا بېغىشلىغانلىرىڭنىڭ ئوندىن بىرىنى ساڭا ئاتايمەن، _ دېدى.
ئىگىمىزگە ھەمدۇسانا ئېيتقىن مېنىڭ ئەي قەلبىم، ئۇنتۇمىغىن خۇدانىڭ شەپقىتىنى ھەر دائىم.
پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەرشتىدۇر، ئۇ تۇرار مۇقەددەس دەرگاھىدا. كۆزىتىپ تۇرار ئۇ ھەممە ئىنسانلارنى، دىققەت بىلەن تىكىلگەندۇر كۆزلىرى ئىنسانلارغا.
- ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
يوشۇۋا پۈتۈن خەلققە: _ قاراڭلار، مانا بۇ قورام تاش، پەرۋەردىگارنىڭ بىزگە قىلغان ھەممە سۆزلىرىنى ئاڭلىدى. شۇڭا سىلەر خۇداغا بەرگەن ۋەدەڭلەردە تۇرمىساڭلار، بۇ تاش سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولىدۇ، _ دېدى.
پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلارنىڭ ئايىغى سۇغا تەگكەن ھامان، ئېقىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان توختاپ، دەريانىڭ يۇقىرىسىدا بىر يەرگە يىغىلىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن يوشۇۋا ھەربىر قەبىلىدىن بىردىن، جەمئىي 12 ئەرنى تاللاپ، ئۇلارنى بىر يەرگە جەم قىلىپ،
تاللانغان بۇ 12 ئەر پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋاغا دېگىنىدەك، يوشۇۋانىڭ ئەمرى بويىچە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئىسرائىللارنىڭ 12 قەبىلىسى ئۈچۈن 12 تاشنى يۈدۈپ، يېڭى قۇرغان قارارگاھقا ئېلىپ كەلدى ۋە شۇ يەردە ئابىدە تىكلىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن سامۇئىل مىزپاھ بىلەن شېن دېگەن يەرنىڭ ئوتتۇرىسىغا بىر تاشنى تىكلىدى ۋە بۇنى «ئەبەنەزەر» [مەنىسى ياردەم تېشى] دەپ ئاتىدى. ئۇ: _ بۇ چاغقىچە پەرۋەردىگار بىزگە ياردەم قىلىپ كەلدى، _ دېدى.