12 رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.
شۇنىڭ ئۈچۈن خۇدا ئۇلارنى يىراق يول بىلەن چۆلدىن ئۆتكۈزۈپ، قىزىل دېڭىز تەرەپكە باشلاپ ماڭدى. ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا، قوراللىنىپ جەڭگە تەييار بولۇپ ماڭغانىدى.
گاد قەبىلىسىدىن 45,650 ئەر تىزىمغا ئېلىندى. ئۇلار يىگىرمە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى ياشتىكى، ئۇرۇشقا قاتنىشالايدىغان ئەرلەر بولۇپ، ئۇرۇق-جەمەتى ۋە ئىسىملىرى بويىچە بىر-بىرلەپ تىزىملاندى.
ئائىلىمىزدىكىلەرنى مۇستەھكەم شەھەر ئىچىدە قالدۇرۇپ، يەرلىك خەلقلەرنىڭ تەھدىتىدىن قۇتۇلدۇرايلى. ئاندىن بىز قوراللىرىمىزنى ئېلىپ، ئالدىنقى سەپكە بېرىپ، تاكى باشقا ئىسرائىل قېرىنداشلىرىمىز ئۇلارنىڭ زېمىنىنى تارتىۋالغۇچە جەڭ قىلايلى.
شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن.
ئۇ ئۆزى ئۈچۈن ئەڭ ياخشى زېمىننى تاللىدى. باشلىقنىڭ نېسىۋىسى ئۇنىڭغا قالدۇرۇپ قويۇلدى. ئىسرائىل ئاقساقاللىرى جەم بولغاندا، گاد پەرۋەردىگارنىڭ ئادالىتىنى ئىجرا قىلدى، ئەمر-پەرمانلىرىغا ئەمەل قىلدى.»
شۇڭا سىلەرنىڭ ئاياللىرىڭلار، بالىلىرىڭلار ۋە مال-چارۋىلىرىڭلار مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن ئىئوردان دەرياسىنىڭ قىرغىقىدىكى بۇ زېمىندا قالسا بولىدۇ. ئەمما بارلىق پالۋانلىرىڭلار قوراللىنىپ، قېرىنداش قەبىلىلەرنى باشلاپ دەريادىن ئۆتۈپ، قېرىنداشلىرىغا ياردەمدە بولسۇن.
پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
ئۇرۇشقا تەييارلانغان 40 مىڭچە قوراللىق ئادەم دەريادىن ئۆتۈپ، ئېرىخا تۈزلەڭلىكىگە كەلدى. پەرۋەردىگار ئۇلارغا يار ئىدى.