11 پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، خەلق توپىنىڭ ئالدىغا ئۆتتى.
سىلەر ئۇ يەردىن ئالدىرىماي چىقساڭلارمۇ بولىدۇ، قېچىپ چىقىش تېخىمۇ ھاجەتسىز. چۈنكى پەرۋەردىگار ئالدىڭلاردا يول باشلاپ ماڭماقتا، ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا سىلەرنىڭ ئارقا تېرىكىڭلاردۇر.
سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.
ئىسرائىل خەلقى ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈۋاتقاندا، پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار، قۇرۇپ كەتكەن دەريا ئېقىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ، پۈتكۈل خەلق دەريادىن ئۆتۈپ بولغۇچە ساقلاپ تۇردى.
سەن ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغان روھانىيلارغا مېنىڭ ئەمرىمنى يەتكۈزگىن، ئۇلار ئىئوردان دەرياسى بويىغا كەلگەندە، دەريانىڭ ئىچىدە تۇرسۇن.
پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋا ئارقىلىق خەلققە قىلغان بارلىق ئەمرلىرى ئادا قىلىنىپ بولغۇچە، ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىدا توختاپ تۇردى. بۇ مۇسا پەيغەمبەرنىڭ يوشۇۋاغا ئىلگىرى بەرگەن بۇيرۇقىدەك بولدى. خەلق تېزلا دەريادىن ئۆتتى.
رۇبېن ۋە گاد قەبىلىسى ھەم ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمى مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئېيتقىنى بويىچە قوراللىنىپ، قالغان خەلقتىن بۇرۇن دەريادىن ئۆتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار دەريادىن چىقىپ، قىرغاقنى دەسسىشى بىلەن تەڭ، دەريا سۈيى ئەسلى ھالىتىگە كېلىپ، تاشقىنلاپ ئاقتى.