يوشۇۋا 3:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى16 يۇقىرىدىن ئېقىپ كېلىۋاتقان دەريا سۈيى شۇ ھامان ئېقىشتىن توختاپ، زارىتان دېگەن جايدىكى ئادام شەھىرىدىن خېلى يىراقتىكى بىر جايغا يىغىلىپ قالدى. ئۆلۈك دېڭىز، يەنى تۇز دېڭىزىغا قاراپ ئېقىۋاتقان تۆۋەنكى ئېقىن سۈيىمۇ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن خەلق ئېرىخا شەھىرىگە يېقىن يەردە دەريادىن ئۆتتى. Faic an caibideil |
مەن سىلەرنى قۇتقۇزۇشقا كەلگەندە، نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بىرمۇ ئادەم يوق؟ مەن چاقىرسام، نېمە ئۈچۈن بىرمۇ ئادەم جاۋاب بەرمەيدۇ؟ سىلەرنى قۇتقۇزۇش مېنىڭ قولۇمدىن كەلمەمدۇ؟ سىلەرنى ئازاد قىلىشقا قۇدرىتىم يەتمەمدۇ؟ مەن دېڭىزغا بىرلا بۇيرۇق قىلسام، ئۇ قۇرۇپ كېتىدۇ. دەريالارنى چۆلگە ئايلاندۇرۇۋېتەلەيمەن، سۇ بولمىغانلىقتىن بېلىقلار ئۆلۈپ سېسىيدۇ.
ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ بارلىق پادىشاھلىرى ۋە ئوتتۇرا دېڭىز بويىدىكى كەنئاننىڭ بارلىق پادىشاھلىرى پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارنىڭ ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكۈچە دەريا سۈيىنى قانداق قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىنى ئاڭلاپ، قورقۇنچ ئىچىدە يۈرەكلىرى سۇ بولۇپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئىسرائىللارغا تاقابىل تۇرغۇدەك جاسارەت قالمىدى.