Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 3:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

14 شۇنىڭ بىلەن خەلق قارارگاھلىرىدىن چىقىپ ئىئوردان دەرياسىغا قاراپ ماڭدى. ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرگەن روھانىيلار ئۇلاردىن بۇرۇن ماڭدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 3:14
10 Iomraidhean Croise  

ئى پەرۋەردىگار، مەرھەمەت ئىبادەتخاناڭغا _ ساڭا ئاتالغان ئارامگاھىڭغا. كىرگەيسەن قۇدرىتىڭ نىشانى بولغان ئەھدە ساندۇقى بىلەن بىرگە.


ئاشۇ كۈنلەردە، زېمىندا سانىڭلار كۆپىيىدۇ. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىمەنكى، شۇ ۋاقىتلار كەلگەندە ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ ئەھدە ساندۇقۇمنى قايتا تىلغا ئالمايدۇ. ئۇلار ئۇنى ئويلىمايدۇ، ئەسلىمەيدۇ، سېغىنمايدۇ ياكى باشقا بىرسىنى ياسىمايدۇ.


_ بۇ قانۇن پۈتۈلگەن يازمىنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنىڭ يېنىغا قويۇڭلار. ئۇ خۇدانىڭ سىلەرنى ئەيىبلىگەنلىكىگە گۇۋاھ بولسۇن.


ئالتۇن ئىسرىقدان ۋە پۈتۈنلەي ئالتۇن بىلەن قاپلانغان ئەھدە ساندۇقى ئۇ يەردە ئىدى. ساندۇقنىڭ ئىچىدە ئالتۇندىن ياسالغان، ماننا سېلىنغان كومزەك، ھارۇننىڭ بىخلىغان ھاسىسى ۋە پەرزلەر يېزىلغان ئىككى تاش تاختا بار ئىدى.


سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.


خەلققە: _ سىلەر، لاۋىيلاردىن بولغان روھانىيلار پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ ماڭغانلىقىنى كۆرگەن ھامان، چوقۇم قارارگاھىڭلاردىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئەگىشىپ مېڭىڭلار.


ئەتىسى ئەتىگەندە يوشۇۋا روھانىيلارغا مۇنداق دېدى: _ ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ، خەلقنىڭ ئالدىدا مېڭىڭلار. شۇنىڭ بىلەن روھانىيلار ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈپ خەلقنىڭ ئالدىدا ماڭدى.


نۇننىڭ ئوغلى يوشۇۋا روھانىيلارغا چاقىرىق قىلىپ: _ سىلەر ئەھدە ساندۇقىنى كۆتۈرۈڭلار، يەتتىڭلار ئۇنىڭ ئالدىدا بۇرغىلارنى ئېلىپ مېڭىڭلار، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan