Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 3:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 سىلەر مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئاراڭلاردا ئىكەنلىكىنى ھەمدە ئۇنىڭ سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا كەنئانلارنى، خىتلارنى، خىۋلارنى، پەرىززىلەرنى، گىرگاشلارنى، ئامورلارنى ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن چوقۇم قوغلاپ چىقىرىدىغانلىقىنى بىلىسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 3:10
37 Iomraidhean Croise  

ئامورلار، كەنئانلار، گىرگاشلار ۋە يىبۇسلار دەپ تونۇلغان خەلقلەرنىڭ زېمىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


مىكايا: _ ئەگەر ئامان-ئېسەن قايتىپ كەلسىلە، پەرۋەردىگاردىن ماڭا ۋەھىي كەلمىگەن بولىدۇ. ھەربىرلىرى سۆزۈمنى ئەسلىرىدە تۇتۇشقايلا، _ دېدى.


سىلى ئۆزلىرى خىزمىتىنى قىلىپ كېلىۋاتقان مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگار خۇدانى مەسخىرە قىلىش ئۈچۈن ئاسسۇر پادىشاھى سەركەردىسىنى ئەۋەتىپتۇ. ئۆزلىرى خىزمەت قىلىپ كېلىۋاتقان پەرۋەردىگار خۇدا سەركەردىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ، ئۇنى شۇ سۆزلىرى ئۈچۈن جازالىغاي. ئۆزلىرى بۇ يۇرتتا قېلىپ قالغان بىزلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىپ قويسىلا».


كەنئاندىن يەنە يىبۇس، ئامور، گىرگاش،


ئىنتىزارمەن ساڭا _ ھاياتلىق بۇلىقى بولغان بىردىنبىر خۇدا، قاچانمۇ كۆرەرمەن سېنىڭ چېھرىڭنى، كىرىپ ھۇزۇرۇڭغا؟


ھۆكۈمى بىلەن تونۇتتى ئۆزىنى پەرۋەردىگار، يامانلىقلىرى بىلەن چۈشىلىپ قالدى يامانلار. خىگگائون سېلاھ


مۇسا ئۇ يەرنى «ماسساھ» ۋە «مىرىبا» [مەنىسى «سىناش» ۋە «جېدەللىشىش»] دەپ ئاتىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئۇ يەردە مۇسا بىلەن جېدەللىشىپ، پەرۋەردىگارنى سىنىماقچى بولغانىدى. ئۇلار: «پەرۋەردىگار زادى ئارىمىزدا بارمۇ-يوق؟» دېيىشكەنىدى.


شۇڭا مەن ئۇلارنى مىسىرلىقلارنىڭ قولىدىن قۇتقۇزۇپ، سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان بىپايان مۇنبەت زېمىنغا ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن چۈشتۈم. ئۇ يەر كەنئانلار، خىتلار، ئامورلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ ماكانىدۇر.


سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


پەقەت پەرۋەردىگارلا بىردىنبىر ھەقىقىي خۇدادۇر. ئۇ ھاياتتۇر، مەڭگۈ پادىشاھتۇر. ئۇ ئاچچىقلانغاندا يەر-زېمىن تىترەيدۇ. ھېچقانداق ئەل ئۇنىڭ غەزىپىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.


لېكىن شۇنداق بىر ۋاقىتلار كېلىدۇكى، ئىسرائىلىيە خەلقى خۇددى دېڭىز ساھىلىدىكى قۇمدەك سان-ساناقسىز كۆپىيىدۇ. مەن بۇرۇن ئۇلارغا قەيەردە: «سىلەر مېنىڭ خەلقىم ئەمەس» دېگەن بولسام، يەنە شۇ يەردە ئۇلارغا: «سىلەر مەنكى مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ پەرزەنتلىرىدۇرسىلەر» دەيمەن.


نەگېب چۆللۈكىدە ئامالەكلەر ياشايدىكەن، خىتلار، يىبۇسلار ۋە ئامورلار تاغ رايونلىرىدا ياشايدىكەن. كەنئانلار ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ۋە ئىئوردان دەرياسى بويىدا ياشايدىكەن.


پېترۇس دەپمۇ ئاتالغان سىمۇن: - سىز مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوغلى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنسىز، - دەپ جاۋاب بەردى.


ئىشىنىمىز ۋە بىلىمىزكى، سىز خۇدا ئەۋەتكەن مۇقەددەس بولغۇچىسىز!


ئۇ چاغدا مەن ئۇلارغا غەزەپلىنىپ، ئۇلارنى تاشلايمەن، ئۇلاردىن دىدارىمنى يوشۇرىمەن. ئۇلار ھالاك بولىدۇ، نۇرغۇن بالايىئاپەتلەرگە ئۇچرايدۇ. شۇ چاغدا ئۇلار: «خۇدا بىزگە يار بولمىغانلىقى ئۈچۈن، بۇ بالا-قازالار بېشىمىزغا چۈشكەنمىدۇ؟» دېيىشىدۇ.


بۇ دۇنيادا كىممۇ بىزگە ئوخشاش مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ ئوت ئىچىدىن كەلگەن ئاۋازىنى ئاڭلاپ تۇرۇپمۇ يەنە ھايات قالالىغان؟


_ سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنلارغا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى باشلاپ كىرگەندە، خىت، گىرگاش، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس قاتارلىق سىلەردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك بولغان يەتتە خەلقنى كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ.


ئۇلاردىن قورقماڭلار، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىدۇر، ئۇ ئۇلۇغ ۋە ھەيۋەتلىك خۇدادۇر.


بىز بارغان جايدىكى كىشىلەر سىلەرنىڭ بىزنى ئىللىق قوبۇل قىلغانلىقىڭلارنى ئاڭلىغانىدى. ئۇلار سىلەرنىڭ بۇتلارغا چوقۇنۇشتىن ۋاز كېچىپ، ھايات بولغان ھەقىقىي خۇداغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا يۈزلەنگەنلىكىڭلارنى بىزگە ئېيتتى.


مەڭگۈ ھايات خۇدا تەرىپىدىن جازاغا تارتىلىش نېمىدېگەن قورقۇنچلۇق-ھە!


غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى.


بۇ زېمىنلار تاغلىق رايونلارنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسىنى، تاغ باغرىلىرىنى، چۆل-باياۋانلارنى ۋە جەنۇبىي نەگېب چۆللۈكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلاردا خىتلار، ئامورلار، كەنئانلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلار ياشىغان. تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللار مەغلۇپ قىلغان پادىشاھلار:


پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىل خەلقىگە بەرگەن بارلىق ۋەدىسىنىڭ بىرىمۇ قالماي ھەممىسى ئەمەلگە ئاشتى.


ئەلئازارنىڭ ئوغلى روھانىي پىنىخاس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: _ بىز بۈگۈن پەرۋەردىگارنىڭ ئارىمىزدا ئىكەنلىكىنى بىلدۇق. چۈنكى سىلەر پەرۋەردىگارغا ساداقەتسىزلىك قىلمىدىڭلار، يەنى سىلەر ئىسرائىللارنى پەرۋەردىگارنىڭ گۇمران قىلىشىدىن ساقلاپ قالدىڭلار.


سىلەر ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىگە كەلگىنىڭلاردا، ئېرىخالىقلار سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. ئامورلار، پەرىززىلەر، كەنئانلىقلار، خىتلار، گىرگاشلار، خىۋلار ھەم يىبۇسلارمۇ سىلەرگە قارشى جەڭ قىلدى. لېكىن مەن ئۇلارنى سىلەرنىڭ قولۇڭلارغا چۈشۈرۈپ بەردىم.


كېيىن يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىگە مۇنداق دېدى: _ كېلىڭلار، پەرۋەردىگار خۇدانىڭ سىلەرگە دېگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاڭلار.


ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى تاغلىق رايونلاردا، غەربىي ئېدىرلىقلاردا ھەمدە لىۋان تاغلىرىنىڭ شىمال تەرىپىدىكى ئوتتۇرا دېڭىز بويلىرىدا ياشاۋاتقان بارلىق پادىشاھلار، يەنى خىت، ئامور، كەنئان، پەرىززى، خىۋ، يىبۇس پادىشاھلىرى ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە بولغان ئىشلارنى ئاڭلىدى.


داۋۇت يېنىدا تۇرغانلاردىن: _ بۇ فىلىستىيەلىكنى ئۆلتۈرۈپ، ئىسرائىللارنى بۇ ھاقارەتتىن خالاس قىلغان كىشى نېمىگە ئېرىشىدىكەن؟ مەڭگۈ ھايات خۇدانىڭ قوشۇنىغا ھاقارەت قىلىدىغان بۇ خەتنىسىز فىلىستىيەلىك ئۆزىنى كىم دەپ ئويلايدىكەن؟ _ دەپ سورىدى.


داۋۇت ئاخىمەلەك بىلەن ئابىشايدىن: _ قايسىڭلار مەن بىلەن بىرگە سائۇلنىڭ بارگاھىغا بارىسىلەر؟ _ دەپ سورىدى. ئابىشاي: _ مەن سىز بىلەن بىرگە بارىمەن، _ دېدى. ئاخىمەلەك خىت خەلقىدىن ئىدى. ئابىشاي يوئابنىڭ ئاكىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئانىسى زىرۇيا ئىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan