Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 24:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 ئۇلار مەندىن ئۆزلىرىنى قۇتقۇزۇۋېلىشىمنى ئۆتۈندى. بۇ چاغدا مەن زېمىنغا قاراڭغۇلۇق چۈشۈرۈپ، سىلەرنى مىسىرلىقلاردىن ئايرىۋەتتىم ھەمدە مىسىرلىقلارنىڭ ئۈستىگە دېڭىز سۈيىنى باستۇرۇپ، ئۇلارنى دېڭىزغا غەرق قىلىۋەتتىم. مېنىڭ مىسىرلىقلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى سىلەر ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. ئاتا-بوۋىلىرىڭلار ئۇزۇن ۋاقىت چۆل-باياۋاندا ياشىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 24:7
14 Iomraidhean Croise  

ئىسرائىللار پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنىڭ قوغلاپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئىنتايىن قورقۇپ كېتىشتى ۋە پەرۋەردىگارغا پەرياد قىلىشتى.


مىسىرلىقلار بىلەن ئىسرائىللارنىڭ ئوتتۇرىسىغا بېرىپ توختىدى. بۇلۇت مىسىرلىقلارغا قاراڭغۇلۇق، لېكىن ئىسرائىللارغا يورۇقلۇق چۈشۈردى. شۇڭا مىسىر قوشۇنى ئىسرائىللارغا كېچىچە يېقىن كېلەلمىدى.


ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ ئۆز قۇدرىتى بىلەن مىسىرلىقلارنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى كۆرۈپ، پەرۋەردىگاردىن قورقۇشتى ۋە ئۇنىڭغا ئىشىنىشتى. ئۇنىڭ خىزمەتكارى بولغان مۇساغىمۇ ئىشەندى.


شۇڭا بىز كادېش-بارنېيادا ناھايىتى ئۇزۇن تۇرۇپ قالدۇق.


بىز كادېش-بارنېيادىن يولغا چىقىپ، زەرەد دەرياسىدىن ئۆتكۈچە 38 يىل كەتتى. پەرۋەردىگار قەسەم قىلىپ ئېيتقىنىدەك، بۇ جەرياندا بىر ئەۋلاد جەڭچىلەر ئۆلۈپ تۈگىدى.


مۇسا پۈتۈن ئىسرائىل خەلقىنى چاقىرىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ سىلەر مىسىردا پەرۋەردىگارنىڭ پىرئەۋن ۋە ئۇنىڭ بارلىق ئەمەلدارلىرى ھەمدە پۈتۈن خەلقىگە قانداق ئىشلارنى قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.


خۇدا قىرىق يىل كىملەرگە غەزەپلەندى؟ يەنىلا شۇ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ، جەسەتلىرى چۆلدە قالغانلارغا ئەمەسمۇ؟


ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندىن كېيىن، ئىچىدىكى ئۇرۇش قىلالايدىغان ئەرلەرنىڭ ھەممىسى تاكى ئۆلۈپ تۈگىگۈچە، قىرىق يىل چۆل-باياۋانلارنى كېزىپ، سەرگەردان بولۇپ يۈردى. چۈنكى ئۇلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىغانىدى. پەرۋەردىگار: «ئەجدادلىرىڭلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان سۈت ۋە ھەسەل ئېقىپ تۇرىدىغان زېمىننى سىلەرگە كۆرسەتمەيمەن» دەپ قەسەم ئىچكەنىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan