21 پۈتۈن خەلق يوشۇۋاغا: _ ياق، بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز! _ دېدى.
خەلق بىردەك: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى. مۇسا تاغقا چىقىپ، خەلقنىڭ جاۋابىنى پەرۋەردىگارغا يەتكۈزدى.
خەلق مۇساغا: _ بىزگە سەنلا سۆزلىگىن، سۆزۈڭنى چوقۇم ئاڭلايمىز. خۇدا بىزگە ئۆزى بىۋاسىتە سۆز قىلمىغاي. بولمىسا، ھالاك بولىدىغان ئوخشايمىز، _ دېدى.
مۇسا قايتىپ كېلىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھەممە ئەمرلىرى ۋە قانۇنلىرىنى خەلققە بايان قىلدى. پۈتۈن خەلق: _ پەرۋەردىگارنىڭ بارلىق ئەمرلىرىگە چوقۇم ئەمەل قىلىمىز، _ دەپ بىر ئېغىزدىن جاۋاب قايتۇرۇشتى.
ئاندىن كېيىن ئەھدىنامىنى قولىغا ئېلىپ، خەلققە يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئوقۇپ بەردى. خەلق: _ بىز چوقۇم پەرۋەردىگارغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش كۆرىمىز، _ دېيىشتى.
بەزىلەر: ‹مەن پەرۋەردىگارغا مەنسۇپ› دەيدۇ، بەزىلەر: ‹مەن ياقۇپنىڭ ئەۋلادى› دەيدۇ، بەزىلەر قولىغا: ‹پەرۋەردىگارنىڭكى› دەپ يېزىۋالىدۇ، يەنە بەزىلەر ئۆزلىرىنى ‹ئىسرائىللار› دەپ ھېسابلايدۇ.»
سىلەر بۈگۈن «پەرۋەردىگار بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر، ئۇنىڭ يولىنى تۇتىمىز، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئەمر-پەرمان ۋە قانۇن-نىزاملىرىغا ئەمەل قىلىمىز» دەپ گۇۋاھلىق بەردىڭلار.
پەرۋەردىگارىمىز سىلەرگە شۇنچە شەپقەت قىلغان تۇرۇقلۇق، سىلەر يەنە ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، يات خەلقلەرنىڭ ئىلاھلىرىغا ئىبادەت قىلساڭلار، ئۇمۇ سىلەردىن يۈز ئۆرۈپ، بېشىڭلارغا زور بالايىئاپەت ياغدۇرۇپ، سىلەرنى قىرىپ تاشلايدۇ، _ دېدى.
يوشۇۋا خەلققە: _ سىلەر بۈگۈن ئۆز پەرۋەردىگارىڭلارغا خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىدىڭلار. بۇنىڭغا ئۆزۈڭلار گۇۋاھتۇرسىلەر، _ دېدى. _ ھەئە، ئۆزىمىز گۇۋاھ بولىمىز، _ دېدى پۈتۈن خەلق.