Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 24:12 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

12 مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا ئۇلارنى پاراكەندىچىلىككە سېلىپ، ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھىنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقاردىم. بۇ ھەرگىزمۇ سىلەرنىڭ ئۇلارغا ئوقيا ئېتىپ، قىلىچ چېپىشىڭلار بىلەن قولغا كەلگەن ئىش ئەمەس.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 24:12
13 Iomraidhean Croise  

ئۆرۈۋەتتى ئۇ ئامورلارنىڭ پادىشاھى سىخوننى، باشاننىڭ پادىشاھى ئوگنى، ھەتتا كەنئاندىكى بارلىق پادىشاھلارنى.


تاغلار قالدى ئۇنىڭ سايىسى تېگىدە، كېدىر دەرەخلىرى قالدى شاخلىرى ئاستىدا.


زېمىن تەييار قىلىپ بەردىڭ ئۇ كۆچەتكە، يىلتىز تارتىپ كەڭ يېيىلدى زېمىنغا.


دۈشمىنىڭلارنى پاراكەندە قىلىپ، سىلەر ئۇ يەرگە كىرىشتىن بۇرۇنلا، خىۋلار، كەنئانلار ۋە خىتلارنى قوغلاپ چىقىرىمەن.


سىلەرنىڭ زېمىنىڭلارنىڭ چېگراسىنى قىزىل دېڭىزدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە، قۇملۇق رايونىدىن فىرات دەرياسىغىچە كېڭەيتىمەن. مەن سىلەرگە يەرلىك خەلقنى بويسۇندۇرۇش قۇدرىتىنى بېرىمەن. سىلەر ئۇ يەرگە كىرگەن ۋا قتىڭلاردا، ئۇلارنى قوغلىۋېتەلەيسىلەر.


شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار ئامورلارنىڭ زېمىنىغا ئولتۇراقلاشتى.


مۇسا يازېر شەھىرىنى چارلاشقا ئادەم ئەۋەتكەندىن كېيىن، ئىسرائىللار ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزا-قىشلاقلارنى ئىشغال قىلدى ۋە ئۇ جايدىكى ئامورلارنى قوغلاپ چىقاردى.


پەرۋەردىگار خۇددى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى سىخون بىلەن ئوگنى يوقاتقىنىدەك، ئۇ يەردىكى ئەللەرنىمۇ يوقىتىدۇ.


ئەينى چاغدا ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى بەيت-پىئورنىڭ قارشى تەرىپىدىكى جىلغىدا تۇراتتى. بۇ يەر ئەسلى خەشبوندا ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئامور خەلقىنىڭ پادىشاھى سىخونغا قاراشلىق ئىدى. مۇسا ئىسرائىللارنى باشلاپ مىسىردىن ئايرىلغاندىن كېيىن، سىخوننى مەغلۇپ قىلىپ،


ئۇنىڭ زېمىنىنى ۋە باشان پادىشاھى ئوگنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىدى. سىخون بىلەن ئوگ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى ئامورلارنىڭ ئىككى پادىشاھى ئىدى.


ئۇ ئۇلارنى پاراكەندە قىلىپ، قاچقان ۋە يوشۇرۇنۇۋالغانلارنىمۇ ھالاك قىلىدۇ.


سىلەر مىسىردىن چىققاندا پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قىزىل دېڭىزنى يېرىپ، قۇرۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن بىزنىڭ خەۋىرىمىز بار، يەنە سىلەرنىڭ ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى ئامورلارنىڭ سىخون ۋە ئوگ دېگەن ئىككى پادىشاھىنى ۋە پۇقرالىرىنى تەلتۆكۈس يوقاتقانلىقىڭلاردىنمۇ خەۋەردارمىز.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan