9 پەرۋەردىگار كۈچلۈك ۋە قۇدرەتلىك يات خەلقلەرنى كۆز ئالدىڭلاردا قوغلاپ چىقاردى. ھازىرغىچە ھېچكىم سىلەرگە تەڭ كېلەلمىدى.
ئۇ خۇددى پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆزى ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن ئامورلارغا ئوخشاش بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئىنتايىن يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلغانىدى.)
ئى خۇدايىمىز، سەن بۇ زېمىندا ياشىغان خەلقلەرنى ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىپ، دوستۇڭ ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادلىرىغا مەڭگۈلۈك مۈلۈك قىلىپ بەرگەن ئەمەسمىدىڭ؟!
مېنىڭ پەرىشتەم سىلەرنىڭ ئالدىڭلاردا مېڭىپ، سىلەرنى ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، كەنئانلار، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنىڭ زېمىنىغا ئېلىپ كىرىدۇ. مەن ئۇلارنى يوقىتىمەن.
نوپۇسۇڭلار كۆپىيىپ، ئۇ زېمىننى ئىگىلىشىڭلارغا ئەگىشىپ، ئۇلارنى ئاستا-ئاستا قوغلاپ چىقىرىمەن.
ئەجدادلىرىمىز ئىبادەت چېدىرىغا ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئىگىدارچىلىق قىلغان ۋە كېيىن يەشۇنىڭ يېتەكچىلىكىدە، خۇدا قوغلىغان مىللەتلەرنىڭ زېمىنلىرىنى بېسىۋېلىپ، ئىبادەت چېدىرىنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلگەن. ھەتتا پادىشاھ داۋۇتنىڭ زامانىغىچە شۇ چېدىردا خۇداغا ئىبادەت قىلغان.
ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر.
پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار.
سەن ھايات ۋاقتىڭدا ھېچكىم ساڭا قارشى چىقالمايدۇ. مەن مۇساغا قانداق يار بولغان بولسام، ساڭىمۇ شۇنداق يار بولىمەن. مەن سەندىن ھەرگىز ئايرىلمايمەن ھەمدە سېنى تاشلىمايمەن.
كالىب بۇ زېمىندىن ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلى، يەنى شېشاي، ئاخىمان ۋە تالمايلارنىڭ جەمەتلىرىنى قوغلاپ چىقاردى.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!
سىلەر ھازىرغىچە پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا سادىق بولۇپ كەلدىڭلار، بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ئۇنىڭغا سادىق بولۇڭلار!
پەرۋەردىگار بىزنىڭ كۆز ئالدىمىزدا بۇ يەردە ياشايدىغان بارلىق ئامورلارنى ۋە باشقا يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقاردى. شۇڭا بىز پەرۋەردىگارغا خىزمەت قىلىمىز. ئۇ بىزنىڭ خۇدايىمىزدۇر! _ دېيىشتى.