يوشۇۋا 23:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى7 سىلەر ئاراڭلاردا قالغان باشقا يات خەلقلەر بىلەن ئارىلىشىپ كەتمەڭلار! ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنى تىلغا ئالماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلماڭلار، ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا سەجدە قىلماڭلار ۋە ئۇلارغا چوقۇنماڭلار! Faic an caibideil |
لېكىن سىلىنىڭ پەرۋەردىگارلىرى بىر ئىشتا مەن خىزمەتكارلىرىنى كەچۈرۈۋەتكەي. مېنىڭ پادىشاھىم ئارراملارنىڭ ئىلاھى رىمموننىڭ بۇتخانىسىغا ئىبادەت قىلغىلى بارغاندا، پاداىشاھىم مېنىڭ بىلىكىمگە تايىنىۋالسا، مەنمۇ بىرلىكتە سەجدە قىلىشقا مەجبۇر بولىمەن. شۇڭا پەرۋەردىگارلىرىنىڭ پېقىرنى كەچۈرۈۋېتىشىنى تىلەيمەن، _ دېدى.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي يېرۇسالېم، قانداقمۇ سېنى كەچۈرەلەيمەن؟ سېنىڭ خەلقىڭ مېنى رەت قىلغان تۇرسا! ئۇلار ھەقىقىي خۇدا بولمىغان بۇتلارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلدى. گەرچە مەن ئۇلارنىڭ بارلىق ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرغان بولساممۇ، ئۇلار ماڭا خۇددى ئېرىگە ساداقەتسىز ئايالدەك مۇئامىلە قىلدى. ئۇلار توپلىشىپ، پاھىشىخانىلارغا ئالدىرىدى.