Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 23:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا يات خەلقلەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا شۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقىرىدۇ، پەرۋەردىگار سىلەرگە ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر شۇ زېمىنلارغا ئىگە بولىسىلەر!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 23:5
9 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار سۆزىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يەنە مۇنداق دېدى: _ پەرىشتەمنى ئالدىڭلارغا ئەۋەتىمەن. ئۇ يوللاردا سىلەرنى قوغداپ، سىلەرنى مەن سىلەرگە تەييارلاپ قويغان يەرگە ئېلىپ بارىدۇ.


سىلەرگە يول باشلاشقا پەرىشتەمنى ئەۋەتىمەن. مەن كەنئانلار، ئامورلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى زېمىنلىرىدىن قوغلاپ چىقىرىپ،


مەن بۈگۈن سىلەرگە ئەمر-پەرمانلىرىمنى جاكارلايمەن، سىلەر ئۇلارغا رىئايە قىلىڭلار. سىلەر ئۇ زېمىنغا كىرگەن ۋاقتىڭلاردا، مەن ئامورلار، كەنئانلار، خىتلار، پەرىززىلەر، خىۋلار ۋە يىبۇسلارنى ئۇ يەردىن قوغلاپ چىقىرىمەن.


ئۇ بارلىق ئەللەرنى سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىدۇ. سىلەر ئۆزۈڭلاردىن چوڭ ۋە كۈچلۈك ئەللەرنىڭ زېمىنىنى ئىگىلەيسىلەر.


ۋە يەنە لىۋان تاغلىرىدىن مىسرېفوت-مايىمغىچە بولغان زېمىننى، يەنى سىدونلۇقلارنىڭ پۈتكۈل زېمىنلىرىنى ئىگىلىشىڭلار كېرەك. مەن بۇ زېمىنلاردىكى خەلقلەرنى ئىسرائىل خەلقىنىڭ كۆز ئالدىدا قوغلاپ چىقىرىمەن. سەن پەقەت مېنىڭ بۇيرۇقۇم بويىچە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل خەلقىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەرگىن.


مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋانىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردە قېلىپ قالغان يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan