Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 23:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 23:3
13 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ. سىلەر شۈك تۇرۇڭلار، _ دېدى.


«سىلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ مىسىرلىقلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلغانلىقىمنى كۆردۈڭلار. مەن خۇددى ئانا بۈركۈت بالىلىرىنى دۈمبىسىگە مىندۈرۈپ ئېلىپ يۈرگەندەك، مەنمۇ سىلەرنى بۇ يەرگە ئېلىپ كەلدىم.


مەن ئۇلارغا بېرىشكە ۋەدە قىلغان زېمىنغا ئۇلارنى باشلاپ كىرگەندىن كېيىن، ئۇلار ھەربىر ئېگىزلىكنى، ھەربىر بۈك-باراقسان دەرەخنى كۆرگەن ھامان، ئۇ يەرلەردە قۇربانلىق قىلىپ، بۇتلارنى قويۇپ، خۇش پۇراقلىق ھەدىيەلەرنى كۆيدۈرۈپ، شاراب سۇنۇپ، غەزىپىمنى قوزغىدى.


سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ: ‹پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ سىرتىدىمۇ بۈيۈكتۇر!› دەيسىلەر.»


مىسىردا پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا كۆز ئالدىڭلاردا سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلغىنىغا ئوخشاش، ئۇ يەردىمۇ سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە يار بولۇپ، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلىدۇ، سىلەرنى غەلىبىگە ئېرىشتۈرىدۇ.»


لېكىن ھوشيار بولۇڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار! ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرگىنىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار، ئۇلارنى ئۆمۈر بويى ئېسىڭلاردا ساقلاڭلار، پەرزەنتلىرىڭلار ۋە نەۋرە-چەۋرىلىرىڭلارغا ئېيتىپ بېرىڭلار.


بەلكىم سىلەر كۆڭلۈڭلاردا: «بۇ ئەللەر شۇنداق كۈچلۈك تۇرسا، بىز ئۇلارنى قانداق قوغلاپ چىقىرارمىز؟» دەپ ئويلىشىڭلار مۇمكىن.


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىنى قولۇڭلارغا تاپشۇرغاندا، ئۇلارنىڭ نامىنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىڭلار. ھېچكىم سىلەرنى توسالمايدۇ، ئۇلارنى ھالاك قىلىڭلار.


پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىغا ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.


يوشۇۋا بۇ بىر قېتىملىق يۈرۈشىدە ئۇ يەرلەردىكى پادىشاھلارنى بويسۇندۇرۇپ، بارلىق زېمىننى ئىگىلىدى. چۈنكى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.


سىلەرنىڭ بىر ئادىمىڭلار دۈشمەننىڭ مىڭ ئادىمىنى قوغلاپ چىقاردى. چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ۋەدە قىلغىنىدەك، سىلەر ئۈچۈن جەڭ قىلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan