2 يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل خەلقىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى يىغىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: _ مەن قېرىپ قالدىم،
پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.
پادىشاھ سۇلايمان پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى «داۋۇت شەھىرى»دىن، يەنى سىئوندىن ئىبادەتخانىغا ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئىسرائىللارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يەنى ھەرقايسى قەبىلە ۋە جەمەت باشلىقلىرىنىڭ ھەممىسىنى يېرۇسالېمدا ئۆزىنىڭ ئالدىدا جەم بولۇشقا بۇيرۇدى.
داۋۇت ئىسرائىللارنىڭ بارلىق ئاقساقاللىرى ۋە روھانىيلىرىنى، شۇنداقلا لاۋىيلارنى چاقىرتىپ كەلدى.
راماھلىق شىمئى ئۈزۈمزارلىقلارغا مەسئۇل ئىدى. شىفاملىق زابدى ئۈزۈمزارلىقتىكى شاراب ساقلىنىدىغان ئامبارلارغا مەسئۇل ئىدى.
پادىشاھ داۋۇت ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق ئەمەلدارلارنى، يەنى قەبىلىلەرنىڭ باشلىقلىرىنى، قوشۇنلارنىڭ مىڭبېشى، يۈزبېشى قاتارلىق سەركەردىلىرىنى، پادىشاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە چارۋىلىرىنى باشقۇرغۇچىلىرىنى، ئوردا خىزمەتكارلىرىنى، باھادىرلارنى ۋە باشقا بارلىق باتۇر جەڭچىلەرنى يېرۇسالېمغا چاقىرتتى.
ھەرقايسى قەبىلىلەرنىڭ ئاقساقاللىرىنى، باشقۇرغۇچىلارنى ئالدىمغا چاقىرىپ كېلىڭلار، مەن بۇ سۆزلەرنى ئۇلارغىمۇ دەي. بۇنىڭغا ئاسمان-زېمىن گۇۋاھ بولسۇن.
يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.
سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سىلەر ئۈچۈن ئەتراپىڭلاردىكى يات خەلقلەرنى قانداق قىلغانلىقىنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆردۈڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەر ئۈچۈن ئۇرۇش قىلدى!
يوشۇۋا ئىسرائىللارنىڭ ھەممە قەبىلىلىرىنى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئاقساقاللىرىنى، يېتەكچىلىرىنى، سوتچىلىرىنى ۋە باشقۇرغۇچىلىرىنى شەكەمگە چاقىردى. ئۇلار خۇدانىڭ ھۇزۇرىغا كەلدى.
مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.