Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 23:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 ئەگەر سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قىلغان ئەھدىسىنى بۇزۇپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلساڭلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە قاتتىق غەزىپىنى ياغدۇرىدۇ. پەرۋەردىگار سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندىن بىر دەمدىلا يوق قىلىنىسىلەر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 23:16
16 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا زەربە بېرىدۇ، ئىسرائىللار خۇددى سۇدىكى قومۇشتەك لىڭشىيدۇ. ئۇ ئىسرائىللارنى ئاتا-بوۋىلىرىغا ئاتا قىلغان بۇ مۇنبەت زېمىندىن يۇلۇپ ئېلىپ، فىرات دەرياسىنىڭ ئۇ تەرىپىگە تاشلىۋېتىدۇ. چۈنكى ئۇلار ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتلىرىنى ياساپ، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىنى كەلتۈردى.


ئەمما سىلەر ياكى سىلەرنىڭ ئەۋلادلىرىڭلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، مەن بۇيرۇغان قانۇن-بەلگىلىمىلىرىمگە رىئايە قىلماي، باشقا ئىلاھلارنىڭ يولىدا مېڭىپ، ئۇلارغا چوقۇنسا،


مەن ئۇلارنى ئۇلارغا ئاتا قىلغان بۇ زېمىندىن قوغلاپ چىقىرىمەن، ھەتتا ئۆز نامىمغا ئاتاپ، مۇقەددەس قىلغان بۇ ئىبادەتخانىنىمۇ كۆزۈمدىن يوقىتىمەن. ئۇلار بارلىق ئەللەر ئالدىدا مازاق ۋە كۈلكىگە قالىدۇ.


بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشىدىكى سەۋەب ئىسرائىللار ئۆزلىرىنى مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگار خۇدادىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ، گۇناھ ئۆتكۈزگەنىدى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يېرۇسالېم خەلقىگە، شۇنداقلا پۈتۈن يەھۇدىيە خەلقىگە بولغان غەزىپى چېكىگە يېتىپ، ئۇلارنى نەزىرىدىن يىراق قىلماقچى بولدى. كېيىن زىدقىيا بابىل پادىشاھىدىن يۈز ئۆرۈدى.


كىشىلەر پەرۋەردىگارنىڭ تەلىمىگە بويسۇنمىغانلىقتىن، ئۇلار ئۇنىڭ پەرمانلىرىدىن يۈز ئۆرۈگەنلىكتىن، ئۇنىڭ بىلەن بولغان مەڭگۈلۈك ئەھدىنى بۇزغانلىقتىن، يەر يۈزى بۇلغىنىپ كېتىدۇ.


لېكىن ئۇلار بۇ زېمىنغا كېلىپ، ئۇنىڭغا ئىگە بولغاندىن كېيىن، ئۇلار ھەم ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرىمۇ سېنىڭ سۆزلىرىڭگە قۇلاق سالمىدى، يولۇڭدا ماڭمىدى! شۇنداقلا، ئۇلار سەن ئەمر قىلغان ئىشلارنىڭ ھېچقايسىسىنى قىلمىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن سەن بۈگۈن ئۇلارغا پۈتۈن بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كەلدىڭ.


بۇ شەھەرنى ئىشغال قىلىش ئۈچۈن دۈشمەنلەر شەھەر سېپىللىرىغا قانچىلىك كۆپ توپىلارنى دۆۋىلەيدۇ-ھە! ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىك سەۋەبىدىن، بۇ شەھەر ئۆزىگە ھۇجۇم قىلىۋاتقان بابىللىقلارنىڭ قولىغا چۈشىدۇ. سەن: ‹بۇ ئىشلارنى يۈز بېرىدۇ› دېگەنىدىڭ. مانا، ئەمدى بۇ ئىشلارنىڭ بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىسەن.


ئۇلارنىڭ بېشىغا نېمە سالماقچى بولغان بولسام، شۇنى سىلەرنىڭ بېشىڭلارغا سالىمەن.»


ئۇنىڭ ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلماي، باشقا نەرسىلەرنى ئىلاھ بىلىپ، قۇياش، ئاي ياكى يۇلتۇزلارغا چوقۇنۇپ، سەجدە قىلسا،


_ پەرۋەردىگارىڭلار خۇداغا ئىتائەت قىلمىساڭلار ۋە ئۇنىڭ مەن بۈگۈن سىلەرگە يەتكۈزگەن بارلىق ئەمر-پەرمانلىرىغا كۆڭۈل قويۇپ ئەمەل قىلمىساڭلار، تۆۋەندىكى قارغىشلارنىڭ ھەممىسى بېشىڭلارغا چۈشىدۇ.


بولمىسا، پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپى تۇتۇپ، سىلەرنى يەر يۈزىدىن يوقىتىدۇ. چۈنكى ئاراڭلاردىكى خۇدا باشقا ئىلاھلارغا چوقۇنۇشۇڭلاردىن قىزغىنىدىغان خۇدادۇر.


شۇڭا پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا قەھر-غەزىپى قايناپ تېشىپ، ئۇلارنى تالان-تاراج قىلغۇچىلارنىڭ قولىغا، يەنى ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىگە تاشلاپ بېرىپ، ئۇلارغا قارشى تۇرالمايدىغان قىلىپ قويدى.


شۇڭا پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا يەنە غەزەپلىنىپ مۇنداق دېگەنىدى: «بۇ خەلق ئەجدادلىرىنىڭ رىئايە قىلىشىغا بۇيرۇغان ئەھدەمنى بۇزۇپ، ماڭا ئىتائەت قىلمىدى.


ئەگەر سىلەر يەنىلا گۇناھ قىلساڭلار، پادىشاھىڭلارمۇ، ئۆزۈڭلارمۇ بىردەك ھالاك بولىسىلەر، _ دېدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan