Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 23:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 بىلىڭلاركى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ يات خەلقلەرنى زېمىنىڭلاردىن قوغلاپ چىقارمايدۇ. شۇنداقلا سىلەر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان بۇ گۈزەل زېمىندا تاكى ھالاك بولمىغۇچە، ئۇلار سىلەرگە تۇزاق، قاپقان ياكى دۈمبەڭلارغا ئۇرۇلغان قامچا، كۆزۈڭلارغا قادالغان تىكەن بولىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 23:13
24 Iomraidhean Croise  

سۇلايماننىڭ قېرىشىغا ئەگىشىپ، خوتۇنلىرى ئۇنى باشقا ئىلاھلارغا ئىشەندۈرۈپ كەتتى. ئاتىسى داۋۇت پەرۋەردىگار خۇداغا جان-دىلى بىلەن سادىق بولغانىدى، ئەمما ئۇ ئاتىسىدەك سادىق بولمىدى.


شۇنىڭ ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەلىكلەرگە قاتتىق غەزەپلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى يەھۇدا قەبىلىسىدىن باشقا ھەممە قەبىلىنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


نەتىجىدە پەرۋەردىگار بارلىق ئىسرائىل ئەۋلادلىرىنى رەت قىلىپ، ئۇلارنى رەھىمسىز دۈشمەنلەرنىڭ قولىغا چۈشۈردى. ئاخىرىدا ئۇلارنى ئۆزىنىڭ نەزىرىدىن يىراق قىلدى.


بابىل پادىشاھى ئۇلارنى رىبلاھتا ئۆلتۈردى. شۇنداق قىلىپ، يەھۇدىيە خەلقى سۈرگۈن قىلىنىپ، ئۆز زېمىنىدىن ئايرىلدى.


شۇ سەۋەبتىن پۈتۈن ئاھالىلەر قېرى-ياش دېمەي سەركەردىلەرگە قوشۇلۇپ، مىسىرغا قاراپ قېچىشتى، چۈنكى ئۇلار بابىللىقلاردىن قورققانىدى.


زىياپىتى ئۆزلىرىگە قىلتاق بولغاي، مېھمانلىرى ئۈچۈن قاپقان بولغاي.


ئەمەلدارلار پىرئەۋنگە: _ ئالىيلىرى، بۇ ئادەمنىڭ بىزگە ۋەيرانچىلىق سېلىشىغا قاچانغىچە يول قويىدىلا؟ ئىسرائىللارنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان خۇداسىغا ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن بېرىشىغا يول قويسىلا! مىسىرنىڭ خاراب بولغانلىقىدىن خەۋەرلىرى يوقمۇ؟ _ دېدى.


ئۇلارنى زېمىنىڭلاردا تۇرغۇزماڭلار. بولمىسا، ئۇلار سىلەرنى گۇناھقا باشلايدۇ. ئەگەر سىلەر ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنساڭلار، سىلەر چوقۇم ئۇلارنىڭ تۇزىقىغا چۈشىسىلەر.


ئېھتىيات قىلىڭلار، ئۇ زېمىندىكى خەلقلەر بىلەن ھەرگىز كېلىشىم تۈزمەڭلار. بولمىسا، سىلەر ئۇلارنىڭ قاپقىنىغا چۈشۈپ، ئۇلارغا ئوخشاش رەزىل يولغا كىرىپ قالىسىلەر.


شۇنداقلا ئوغۇللىرىڭمۇ يات خەلقلەرنىڭ قىزلىرىنى نىكاھىغا ئېلىپ، مەندىن يۈز ئۆرۈشى ۋە يات ئىلاھلارغا چوقۇنۇشى مۇمكىن.


ئىسرائىللارنى كەمسىتكەن قوشنا ئەللەر ئەمدى ئۇلارغا تىكەن ۋە ئازغانلاردەك سانجىلىيالمايدۇ، شۇندىلا كىشىلەر مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.


ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.


قىلىچ ئاستىدا ئۆلىدۇ ياكى تۇتقۇن قىلىنىپ، چەت دۆلەتلەرگە ھەيدىلىدۇ. خۇدانىڭ يەھۇدىي ئەمەسلەرگە بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقتى توشقۇچە، ئۇلار يېرۇسالېمنى ئاياغ ئاستى قىلىدۇ.


خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرۇۋاتقاندەك، ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى دەرغەزەپكە كېلىپ، ئۇلارنى بۇ يەردىن يىلتىزى بىلەن قومۇرۇپ ئېلىپ، باشقا يەرلەرگە تاشلاپتۇ.» دەيدۇ.


مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇپ قويايكى، سىلەر چوقۇم ھالاك بولىسىلەر. سىلەر ئىگىلىمەكچى بولغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشى تەرىپىدىكى زېمىندا ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.


ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.


پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا قولۇڭلارغا تاپشۇرغان بارلىق يات ئەللەرنى ھالاك قىلىڭلار، رەھىم قىلماڭلار. ئۇلارنىڭ ئىلاھلىرىغا چوقۇنماڭلار، چۈنكى ئۇلارغا چوقۇنۇش سىلەرگە بىر تۇزاق بولىدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ئۇيقۇسىنى ئېچىپ، ئۆزلىرىنى تۇتقۇن قىلىپ ئارزۇسىغا يەتمەكچى بولغان شەيتاننىڭ تورىدىن قۇتۇلالايدۇ.


مەن ئۇلارنىڭ مېنىڭ يولۇمدا ئۆز ئەجدادلىرىدەك ماڭىدىغان-ماڭمايدىغانلىقىنى سىناپ بېقىش ئۈچۈن، يوشۇۋانىڭ ۋاقتىدا بۇ يەردە قېلىپ قالغان يات خەلقلەرنى قوغلاپ چىقارمايمەن.»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan