Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 23:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ، ئامانلىق بەرگەندىن كېيىن، خېلى زامانلار ئۆتتى. يوشۇۋامۇ قېرىپ قالدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 23:1
15 Iomraidhean Croise  

پادىشاھ داۋۇت قېرىپ قالغاچقا، ئۇنىڭغا بىرقانچە يوتقان يېپىپ قويسىمۇ ئىسسىمايتتى.


داۋۇت مۇنداق دېگەنىدى: «پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خەلقىگە تىنچلىق ئاتا قىلدى. ئەمدى ئۇ مەڭگۈ يېرۇسالېمدا ياشايدۇ.


تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىللارنىڭ ھەرقايسى جەمەت باشلىقلىرى، مىڭبېشىلىرى ۋە يۈزبېشىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان سەركەردىلەرنىڭ تىزىملىكى بولۇپ، بۇلار پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى. ئۇلار ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان قوشۇنلارنى ھەر يىلى بىر ئايدىن نۆۋەتلىشىپ باشقۇراتتى. ھەربىر قوشۇن 24 مىڭ ئادەمدىن تەشكىل تاپقانىدى.


ئابىيا ۋاپات بولۇپ، «داۋۇت شەھىرى»دە دەپنە قىلىندى. ئوغلى ئاسا تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى. ئاسا ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە دۆلەتتە ئون يىل تىنچ-ئامانلىق بولدى.


ئۇ يەھۇدىيەنىڭ ھەرقايسى شەھەرلىرىدىكى غەيرىي سەجدىگاھلار ۋە ئىسرىقدانلارنى يوقاتتى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە پادىشاھلىقتا تىنچ-ئامانلىق بولدى.


يىھوشافات ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە ئەلدە تىنچ-ئامانلىق بولدى. چۈنكى ئۇ ئىشەنگەن خۇدا ئۇنىڭ چېگرالىرىغا تىنچلىق ئاتا قىلغانىدى.


توختاتقۇچىدۇر ئۇ ھەممە ئۇرۇشلارنى، سۇندۇرۇپ ئوقيا، نەيزىلەرنى. كۆيدۈرۈپ جەڭ ھارۋىلىرىنى.


كالىلار تىنچ جىلغىدا ئوتلىغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ روھى ئۆز خەلقىگە ئاراملىق بەرگەنىدى، پەرۋەردىگار خەلقىنى باشلاپ، ئۆزىنىڭ نامىغا شان-شەرەپ كەلتۈرگەنىدى.»


_ مەن ھازىر 120 ياشقا كىردىم. ئەمدى سىلەرگە باشلامچىلىق قىلالمايمەن. پەرۋەردىگار ماڭا: «سەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتمە» دېگەنىدى.


يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.


يوشۇۋا ياشىنىپ، قېرىپ قالغانىدى. پەرۋەردىگار ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ سەن ياشىنىپ، قېرىپ قالدىڭ. لېكىن سەن تېخى بويسۇندۇرۇشقا تېگىشلىك بولغان يەنە كۆپ زېمىنلار بار.


پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغىنى بويىچە پۈتۈن زېمىنغا ئامانلىق بەردى. ھېچقانداق بىر دۈشمەن ئۇلارغا قارشى تۇرالمىدى، چۈنكى پەرۋەردىگار ئۇلارنىڭ بارلىق دۈشمەنلىرىنى ئۇلارنىڭ قولىغا چۈشۈرۈپ بەرگەنىدى.


ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار.


مانا ئەمدى بۇ پادىشاھ سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىدۇ. مەن قېرىدىم، چاچلىرىم ئاقاردى، ئوغۇللىرىممۇ سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا تۇرۇپتۇ. مەن ياش ۋاقتىمدىن تارتىپ ھازىرغىچە سىلەرگە رەھبەرلىك قىلىپ كەلدىم.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan