Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 22:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 22:9
19 Iomraidhean Croise  

ئۇ يەردە ئابنېر ئىشبوشەتنى گىلئاد، ئاشۇر، يىزرىئەل، ئەفرايىم ۋە بىنيامىن دېگەن زېمىنلارغا، يەنى ئىسرائىلىيەگە پادىشاھ قىلىپ تىكلىدى.


ئۇلارنىڭ گىلئاد زېمىنىدىكى مال-چارۋىلىرى كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلار يەنە شەرققە كېڭىيىپ فىرات دەرياسىنىڭ غەربىگىچە سوزۇلغان كەڭ دالانى ئىگىلىۋالدى.


گىلئاد رايونى مەنسۇپتۇر ماڭا، ماناسسەمۇ ھەم تەئەللۇق ماڭا. ئەفرايىم _ بېشىمدىكى دۇبۇلغامدۇر، يەھۇدا مېنىڭ سەلتەنەت ھاسامدۇر.


رۇبېن قەبىلىسى بىلەن گاد قەبىلىسىنىڭ نۇرغۇن چارۋا ماللىرى بار ئىدى. ئۇلار يازېر بىلەن گىلئاد دىيارلىرىنىڭ مال بېقىشقا مۇۋاپىق يەر ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،


مۇسا مۇنداق دېدى: _ ئەگەر سىلەر ۋەدەڭلاردا تۇرساڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا قوراللىرىڭلارنى ئېلىپ جەڭگە چىقىڭلار.


پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئاشۇ زېمىنلارنى بويسۇندۇرغۇچە جەڭ قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆيۈڭلارغا قايتساڭلار بولىدۇ. ئاندىن سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ ۋە ئىسرائىللارنىڭ ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىڭلارنى ئادا قىلغان بولىسىلەر. بۇ زېمىننى پەرۋەردىگار سىلەرگە مەنسۇپ قىلىدۇ.


ئاياللىرىمىز، بالىلىرىمىز، چارۋا ماللىرىمىزنىڭ ھەممىسى گىلئادنىڭ شەھەرلىرىدە قالىدۇ.


_ ئەگەر گاد ۋە رۇبېن قەبىلىلىرىدىكى بارلىق جەڭ قىلالايدىغان ئەرلەر سىلەر بىلەن بىرگە پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ جەڭ قىلسا، سىلەر ئۇ زېمىننى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، گىلئاد زېمىنىنى ئۇلارغا تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


شۇ ۋاقىتتا مەن ئۇلارغا مۇنداق دېدىم: «پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا بۇ زېمىننى سىلەرگە مۈلۈك قىلىپ بەردى. لېكىن سىلەرنىڭ قوراللانغان بارلىق لەشكەرلىرىڭلار ئالدى بىلەن دەريادىن ئۆتسۇن، باشقا قەبىلىلەر ئارقاڭلاردىن ئەگەشسۇن.


سىلەر ئەمدى قېرىنداشلىرىڭلارنىڭ پەرۋەردىگار ئاتا قىلغان ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپىدىكى زېمىنىنى ئىشغال قىلىشىغا يار-يۆلەكتە بولۇڭلار. پەرۋەردىگار سىلەرنى بۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغىنىدەك، ئۇلارنىمۇ ئۇ يەرگە خاتىرجەم ئولتۇراقلاشتۇرغۇچە ھەمدەمدە بولۇڭلار. ئاندىن سىلەر مەن سىلەرگە بۆلۈپ بەرگەن بۇ زېمىنغا قايتىپ كەلسەڭلار بولىدۇ.»


مۇسا موئاب تۈزلەڭلىكىدىكى نىبو تېغىغا كېلىپ، ئېرىخانىڭ قارشى تەرىپىدىكى پىسگاھ چوققىسىغا چىقتى. شۇ يەردە پەرۋەردىگار مۇساغا گىلئادتىن تاكى دانغىچە بولغان ئارىلىقتىكى پۈتۈن زېمىننى،


ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،


ئۇلارنىڭ زېمىنى يازېر، گىلئادنىڭ بارلىق شەھەرلىرى ۋە رابباھ شەھىرىنىڭ يېنىدىكى ئاروئېر شەھىرىگىچە بولغان ئاممون زېمىنىنىڭ يېرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.


ۋە يەنە گىلئاد زېمىنىنىڭ يېرىمى ۋە باشان زېمىنىدىكى ئوگ پادىشاھنىڭ پايتەختى بولغان ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ زېمىنلار ماناسسەنىڭ ئوغلى ماكىرنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ يېرىمىغا جەمەت بويىچە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن.


رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.


شۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل ئىسرائىللار شىمالدىكى داندىن تارتىپ، جەنۇبتىكى بەئەرشەبا ۋە شەرقتىكى گىلئادقىچە بولغان زېمىنلاردىن كېلىپ، مىزپاھ شەھىرىدە توپلىنىپ، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدا بىر گەۋدە بولدى.


گىلئادلىقلار تۇرۇپ قالدى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدا. توختاپ قالدى نېمىشقا دان قەبىلىسى كېمىلەردە؟ قېلىپ قالدى نېمىشقا ئاشېر قەبىلىسى دېڭىز قىرغىقىدا؟


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan