يوشۇۋا 22:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى11 ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى. Faic an caibideil |
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن سىلەرگە سۇنۇشقا بۇيرۇغان كۆيدۈرمە قۇربانلىقىڭلارنى، باشقا قۇربانلىقلارنى، ئوندىن بىر ئۈلۈش ھەدىيەڭلارنى، باشقا شەخسىي ھەدىيەڭلارنى ۋە سۇنۇشقا قەسەم قىلغان ئېسىل ھەدىيەڭلارنى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا «||خەلقىم بۇ يەردە ماڭا ئىبادەت قىلسۇن | نامىم بۇ يەردە ئۇلۇغلانسۇن||» دەپ بەلگىلەپ بەرگەن يەردە سۇنۇڭلار.
ئەگەر سىلەر زېمىنىڭلارنى ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن ناپاك دەپ ئويلىساڭلار، ئۇنداقتا بىزنىڭ زېمىنىمىزغا كېلىڭلار. بىزنىڭ يېرىمىزگە پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەت چېدىرى تىكىلگەن، ئۇنى سىلەر بىلەن تەڭ ئورتاقلىشايلى. ئەمما پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ قۇربانلىق سۇپىسىدىن باشقا، يەنە بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساش ئاسىيلىقتۇر، سىلەر بۇ قىلمىشىڭلار بىلەن پەرۋەردىگارغا ۋە بىزگە قارشى چىقماڭلار.