Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 22:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 رۇبېن، گاد ۋە ماناسسەنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىدىن چىقماي تۇرۇپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ بويىغا كەلگەندە، ئۇ يەردە ئىنتايىن ھەيۋەتلىك بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 22:10
10 Iomraidhean Croise  

پەرۋەردىگار ئىبرامغا زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا: _ مانا بۇ زېمىننى سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا ئاتا قىلىمەن، _ دېدى. شۇڭا ئىبرام ئۇ يەردە ئۆزىگە زاھىر بولغان پەرۋەردىگارغا ئاتاپ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، ئىبادەت قىلدى.


كېيىن ئۇ جەنۇبقا يۆتكىلىپ، بەيتەل شەھىرىنىڭ شەرقىدىكى تاغلىق رايونغا باردى. غەرب تەرىپى بەيتەلگە، شەرق تەرىپى ئاي دېگەن جايغا تۇتىشىدىغان بۇ جايغا ئورۇنلىشىپ، ئۇ يەردىمۇ بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياساپ، پەرۋەردىگارغا ئىبادەت قىلدى.


ئەتىسى تاڭ سەھەردىلا ياقۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ، بېشىغا قويغان ھېلىقى تاشنى خاتىرە قىلىپ تىكلىدى ۋە ئۇنى خۇداغا ئاتاپ ئۈستىگە ياغ قۇيدى.


شۇ چاغدا مىسىر زېمىنىنىڭ ئوتتۇرىسىدا پەرۋەردىگارغا ئاتالغان بىر قۇربانلىق سۇپىسى ۋە مىسىرنىڭ چېگراسىدا پەرۋەردىگارغا بېغىشلانغان بىر تاش ئابىدە ياسىلىدۇ.


ئىسرائىللارنىڭ قالغان قەبىلىلىرىگە رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنىڭ كەنئان زېمىنىنىڭ پاسىلىدىكى ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربىدىكى گىلىلوتتا بىر قۇربانلىق سۇپىسى ياسىغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلدى.


شۇنىڭ بىلەن رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەر كەنئان زېمىنىنىڭ شىلو شەھىرىدە قالغان ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىن ئايرىلدى. ئۇلار گىلئادتىكى ئۆزىگە تەۋە بولغان زېمىنغا قاراپ يول ئالدى. بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگار ئۇلارغا مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق بۇيرۇپ بەرگەنىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan