Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 21:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 شۇنداق قىلىپ ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ مۇسا پەيغەمبەرگە بۇيرۇغىنى بويىچە يۇقىرىقى شەھەر ۋە ئوتلاقلارنى لاۋىي قەبىلىسىگە چەك تاشلاش ئارقىلىق ئايرىپ بەردى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 21:8
11 Iomraidhean Croise  

شىمون بىلەن لاۋىي بىرلەشتى، قىلىچلىرى رەھىمسىزلىك قىلدى.


ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.


چەك ئېتەككە تاشلانغىنى بىلەن، ھۆكۈم قىلىش پەرۋەردىگاردىندۇر.


چەك تاشلاش ئارقىلىق تۈگەتكىلى بولار جاڭجالنى، يوقاتقىلى بولار مۆتىۋەرلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىشلارنى.


مۇسا، روھانىي ئەلئازار ۋە ئاقساقاللارنىڭ ئالدىغا بېرىپ مۇنداق دېدى:


جەمەتلەر بويىچە چەك تارتىپ، يەرلەرنى تەقسىملەڭلار. جان سانى كۆپلەرگە كۆپ، جان سانى ئازلارغا ئاز بولسۇن. چەككە قايسى يەر چىقسا شۇ يەرگە ئىگە بولسۇن. مۇشۇ يول بىلەن قەبىلەڭلارغا زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىڭلار.


ئۇلار شەھەرلەردە ئولتۇرۇپ، ئوتلاقلاردا كالىلىرى ۋە باشقا چارۋا ماللىرىنى باقىدۇ.


سىلەر بۇ يەتتە پارچە زېمىننىڭ خەرىتىسىنى سىزىپ چىقىپ، مېنىڭ يېنىمغا ئېلىپ كېلىڭلار، ئاندىن مەن بۇ زېمىنلارنى پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا سىلەر ئۈچۈن چەك تاشلاپ، ھەربىر قەبىلىگە تەقسىم قىلىپ بېرىمەن.


شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.


مىرارى جەمەتىگىمۇ چەك تاشلاش ئارقىلىق رۇبېن، گاد ۋە زەبۇلۇن قەبىلىسىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىنلاردىكى 12 شەھەر ئايرىپ بېرىلدى.


لاۋىي قەبىلىسنىڭ قوھات جەمەتىدىن بولغان ھارۇننىڭ ئەۋلادلىرىغا بىرىنچى بولۇپ چەك چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىسرائىللار يەھۇدا ۋە شىمون قەبىلىلىرىگە تەۋە شەھەرلەرنى ئۇلارغا ئەڭ ئالدىدا ئايرىپ بەردى:


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan