42 بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.
دېمەك، ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى.
شۇنداق قىلىپ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ ئەجدادلىرىغا ۋەدە قىلغان بارلىق زېمىننى ئۇلارغا بەردى. ئىسرائىللار بۇ زېمىنلارغا ئىگە بولۇپ، شۇ يەرلەردە ئولتۇراقلاشتى.