41 دېمەك، ئىسرائىللار زېمىنىدىن جەمئىي 48 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار لاۋىي قەبىلىسىگە ئايرىپ بېرىلدى.
ياغسۇن لەنەتلەر ئۇلارنىڭ غەزىپىگە، شۇنداقلا رەھىمسىز ئۆچمەنلىكىگە. تارقىتىۋېتەرمەن ئەۋلادلىرىنى ياقۇپنىڭ زېمىنلىرىغا، چېچىۋېتەرمەن ئۇلارنى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا.
شۇنداق قىلىپ، ئىسرائىل خەلقى لاۋىيلارنىڭ ياشىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇ شەھەرلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئاجرىتىپ بەردى.
ئۇلار سېنىڭ ئەمر، قانۇنلىرىڭنى يەتكۈزىدۇ ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى ئىسرائىللارغا. خۇش پۇراق ئىسرىقلارنى ئالدىڭغا قويىدۇ، قۇربانلىق سۇپاڭدا قۇربانلىق مالنى پۈتۈن كۆيدۈرىدۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئىسرائىللار پەرۋەردىگارنىڭ بۇيرۇغىنى بويىچە لاۋىي قەبىلىسىگە ئۆزلىرىگە تەقسىم قىلىپ بېرىلگەن زېمىندىن تۆۋەندىكى شەھەرلەرنى ۋە ئوتلاقلارنى ئايرىپ بەردى.
شۇنىڭ بىلەن مىرارى جەمەتى (لاۋىي قەبىلىسىنىڭ قالغان جەمەتلىرى) 12 شەھەرگە ئىگە بولدى.
بۇ شەھەرلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپىدا ئوتلاقلىرى بار ئىدى.