Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 20:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى رۇبېن قەبىلىسىگە قاراشلىق ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنىغا جايلاشقان باشان رايونىدىكى گولان شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 20:8
12 Iomraidhean Croise  

شۇنىڭ بىلەن ئاخاب ئۆزى پەيغەمبەر دەپ قارىغان تەخمىنەن 400 ئادەمنى يىغىپ، ئۇلاردىن: _ مەن راموتقا ھۇجۇم قىلسام بولامدۇ؟ _ دەپ سورىدى. _ ھۇجۇم قىلغايلا! ئىگىمىز راموتنى قوللىرىغا تاپشۇرىدۇ، _ دېدى ئۇلار.


پادىشاھ ئاخازيا ئاخابنىڭ ئوغلى، يەنى ئىسرائىلىيە پادىشاھى يورامغا ئەگىشىپ، ئاررام پادىشاھى خازائېلغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرىگە باردى. ئارراملار يورامنى يارىلاندۇردى.


ئېرىخا شەھىرىنىڭ ئۇدۇلىدىكى، يەنى ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىگە جايلاشقان رۇبېن قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ياھاز، قىدېموت، مېفائات ۋە چۆلدىكى بەزەر.


گاد قەبىلىسىنىڭ زېمىنىدىن ماخانايىم، خەشبون، يازېر ۋە گىلئادتىكى راموت.


بىز ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى، گىلئاد ۋە باشان زېمىنلىرىنى، باشاندىكى ئوگ پادىشاھقا قاراشلىق سالكاھ ۋە ئەدرەئى شەھەرلىرىگىچە بولغان جايلارنى قولغا كىرگۈزدۇق.


رۇبېن قەبىلىسى ئۈچۈن ئېگىزلىكتىكى چۆللۈككە جايلاشقان بەزەر شەھىرى، گاد قەبىلىسى ئۈچۈن گىلئادتىكى راموت شەھىرى، ماناسسە قەبىلىسى ئۈچۈن باشاندىكى گولان شەھىرى بەلگىلەپ بېرىلگەنىدى.


نافتالى قەبىلىسىگە قاراشلىق تاغلىق رايوندىكى جەلىلىيەگە جايلاشقان قەدەش شەھىرى، ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى شەكەم شەھىرى، يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ تاغلىق رايونىدىكى قىريات-ئاربا، يەنى ھىبرون شەھىرى قاتارلىق شەھەرلەر پاناھلىنىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن شەھەرلەردۇر.


بۇ شەھەرلەر بارلىق ئىسرائىللار ۋە شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان يات خەلقلەر ئۈچۈن پاناھلىنىدىغان شەھەرلەر قىلىپ بېكىتىلگەن. ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇلار بۇ ئارقىلىق جامائەت ئالدىدا سوراق قىلىنىشتىن بۇرۇن، ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ساقلىنالايدۇ.


لاۋىي قەبىلىسىنىڭ باشقا جەمەتىدىن بولغان گېرشومنىڭ ئەۋلادلىرى ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى تۆۋەندىكى شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: باشاندىكى گولان (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى) ۋە بىئەشتىرادىن ئىبارەت 2 شەھەر.


رۇبېن قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: بەزەر، ياھاز،


گاد قەبىلىسىدىن تۆۋەندىكى 4 شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارنى ئايرىۋالدى: گىلئادتىكى راموت (بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغانلارنىڭ پاناھلىنىدىغان شەھەرلىرىنىڭ بىرى)، ماخانايىم،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan