Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 20:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 ھەرقانداق بىر كىشى بىراۋنى بىخەستەلىك قىلىپ، مەقسەتسىز ھالدا ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇ شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ، پاناھلانسا بولىدۇ. ئۇ بۇ شەھەردە ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن ئۆزىنى ساقلاپ قالالايدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 20:3
8 Iomraidhean Croise  

_ ئەي پادىشاھ ئالىيلىرى، پەرۋەردىگارلىرى خۇدانىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلغايلا، ئوغلۇمنىڭ ئاتا جەمەتىدىكى قانغا قان ئالىمەن دېگۈچىلەر قالغان بىر ئوغلۇمنىمۇ ئۆلتۈرۈپ، تېخىمۇ چوڭ جىنايەت ئۆتكۈزمىگەي، _ دېدى ئايال. _ مەن مەڭگۈ ھايات پەرۋەردىگارنىڭ نامى بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، _ دېدى پادىشاھ، _ ئوغلۇڭنىڭ بىر تال مويىغىمۇ زەرەر يەتمەيدۇ.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، ئەگەر بىرسى بىخەستەلىكتىن مەن پەرۋەردىگارنىڭ چەكلەش ئەمرلىرىنىڭ بىرىگە خىلاپلىق قىلىپ، گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قالسا، تۆۋەندىكىچە ئىش كۆرۈلسۇن:


ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقانلىرىنىڭ قىساس ئېلىشىدىن جېنىنى ساقلىسۇن. بىخەستەلىك قىلىپ، ئادەم ئۆلتۈرۈپ قويغۇچىلار جامائەت ئالدىدا سوتلانمىغۇچە ئۆلتۈرۈلمىسۇن.


ئۆلگۈچىنىڭ تۇغقىنى قاتىلنى نەدە تاپسا، شۇ يەردە ئۆلتۈرسۇن.


ئەگەر بىرسى ھېچبىر ئۆچ-ئاداۋەتسىز يەنە بىرسىنى بىخەستەلىك قىلىپ ئىتتىرىۋېتىپ، ئۆلۈمىگە سەۋەبچى بولسا، ياكى غەرەزسىز ھالدا بىر نەرسىنى ئېتىپ بىرسىنى ئۆلتۈرۈپ قويغان بولسا،


خۇدانىڭ بىزگە بەرگەن ۋەدىسى ۋە قەسىمى ھەرگىز ئۆزگەرمەيدۇ. چۈنكى، خۇدا يالغان سۆزلىمەيدۇ. شۇڭا، خۇدادىن پاناھلىنىۋاتقان بىزلەر ئۇنىڭ ۋەدىسى ۋە قەسىمىدىن كۆپ ئىلھامغا ئېرىشىپ، كۆز ئالدىمىزدىكى ئۈمىدتە ئىشەنچ بىلەن چىڭ تۇرالايمىز.


_ سەن ئىسرائىللارغا ئېيتقىن، مەن مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق ساڭا ئەمر قىلغىنىمدەك، ئۇلار پاناھلىنىدىغان شەھەرلەرنى بېكىتىپ چىقسۇن.


لېكىن ئۇ كىشى شۇ شەھەرلەرنىڭ بىرىگە قېچىپ بېرىپ پاناھلانماقچى بولغاندا، شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا تۇرۇپ، بۇ شەھەرنىڭ ئاقساقاللىرىغا ئۆز قىلمىشىنى بايان قىلسۇن. ئۇلار چوقۇم ئۇ كىشىنى شەھەرگە كىرىشكە يول قويسۇن ۋە ئۇنىڭغا شۇ شەھەردىن تۇرىدىغان جاي كۆرسىتىپ بەرسۇن.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan