5 گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى.
شۇنىڭ بىلەن مەن دەرۋازىلارنى دەم ئېلىش كۈنىدىن ئاۋۋالقى كۈنى كەچتە تاقاشنى ۋە دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتمىگۈچە ئاچماسلىقنى بۇيرۇدۇم. مەن دەم ئېلىش كۈنىدە ھەرقانداق يۈك-تاقلارنىڭ كىرمەسلىكى ئۈچۈن، دەرۋازىلارغا خىزمەتكارلىرىمنى ئورۇنلاشتۇردۇم.
شەھەر دەرۋازىلىرىڭ دائىم ئوچۇق تۇرىدۇ، كېچە-كۈندۈز تاقالمايدۇ، ھەممە ئەللەرنىڭ بايلىقى ساڭا ئەكېلىپ بېرىلىدۇ، ئۇلارنىڭ پادىشاھلىرىمۇ ھەيدەپ كېلىنىدۇ.
ئۇ ۋاقىت كەلگەندە، ئادەملەر ئىسرائىلىيەدە گۇناھ ئىزدىسە، گۇناھ تېپىلمايدۇ، يەھۇدىيەدىمۇ ھېچقانداق گۇناھ تېپىلمايدۇ. چۈنكى مەن ئۇ يەردە ھايات قالدۇرغانلارنى كەچۈرىمەن. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.»
دەريانىڭ ئىككى تەرىپىدە ھەر تۈرلۈك مېۋىلىك دەرەخلەر ئۆسىدۇ، يوپۇرماقلىرى قۇرۇپ قالمايدۇ. بۇ سۇ ئىبادەتخانىدىن ئېقىپ چىققانلىقى ئۈچۈن، مېۋىلىك دەرەخلەر ھەر ئايدا يېڭى مېۋە بېرىدۇ، مېۋىلىرى ئۆكسۈپ قالمايدۇ. مېۋىلىرى ئوزۇق، يوپۇرماقلىرى شىپا بولىدۇ.
ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.
(ئەمەلىيەتتە، راھاب ئۇلارنى ئاللىقاچان ئۆگزىدىكى دۆۋىلەپ قويۇلغان زىغىر پاخىلىغا يوشۇرۇپ قويغانىدى.)
شۇنىڭ بىلەن پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ كېچىكىگە بارىدىغان يولدا ئۇلارنى قوغلىدى. قوغلاپ كەلگەنلەر شەھەردىن چىقىشى بىلەنلا، شەھەر دەرۋازىسى تاقالدى.
شەھەرنىڭ دەرۋازىلىرى مەڭگۈ تاقالماي كۈن بويى ئوچۇق تۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ يەردە زادى كېچە بولمايدۇ.
سائۇل تەرىپىدىن داۋۇتنى تۇتۇشقا ئەۋەتىلگەن ئادەملەر كەلگەندە، مىكال ئۇلارغا: _ ئۇ ئاغرىپ قالدى، _ دېدى.