Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 2:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 2:4
9 Iomraidhean Croise  

ئېلىشا ئۇلارغا: _ سىلەر خاتا يولدا مېڭىپسىلەر، بۇ سىلەر ئىزدىگەن شەھەر ئەمەس. سىلەر ماڭا ئەگىشىپ مېڭىڭلار، مەن سىلەرنى سىلەر ئىزدەپ يۈرگەن ئادەمنىڭ يېنىغا ئېلىپ باراي، _ دېدى ۋە ئۇلارنى سامارىيە شەھىرىگە باشلاپ باردى.


ئۇلار: _ ئىبرانىي ئاياللىرى مىسىر ئاياللىرىغا ئوخشىمايدۇ، ئۇلار ناھايىتى ساغلام كېلىدۇ. بىز يېتىپ بارغۇچە، ئۇلار ئۆزلىرى تۇغۇپ بولىدىكەن، _ دەپ جاۋاب بېرىشتى.


بۇ توغرۇلۇق يەنە بىر مىسال بار. پاھىشە ئايال راھاب ئىسرائىل چارلىغۇچىلىرىنى ئۆز ئۆيىدە يوشۇرۇپ، ئۇلارنىڭ باشقا يول بىلەن قېچىپ كېتىشىگە ياردەم بەرگەن ئەمەلىي ھەرىكىتى ئۈچۈن ھەققانىي ئادەم دەپ جاكارلانغان ئەمەسمۇ؟


ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: _ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر، _ دېدى.


گۇگۇم چۈشۈپ، شەھەر دەرۋازىسى تاقىلىدىغان چاغدا، ئۇ ئىككىسى چىقىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ قەيەرگە كەتكەنلىكىنى بىلمەيمەن. سىلەر دەرھال قوغلىساڭلار، چوقۇم يېتىشىۋالىسىلەر، _ دېدى.


ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭدىكى بارلىق نەرسىلەرنى پەرۋەردىگارغا ئاتاپ تەلتۆكۈس يوقىتىڭلار. پەقەت پاھىشە راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر بىزنىڭ چارلىغۇچىلىرىمىزنى يوشۇرۇپ قالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنى تىرىك قالدۇرۇڭلار.


يوشۇۋا پاھىشە ئايال راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالدى. چۈنكى ئۇ يوشۇۋا ئېرىخا شەھىرىنى چارلاشقا ئەۋەتكەن ئادەملەرنى يوشۇرۇپ قالغانىدى. شۇنىڭدىن بېرى راھاب ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاپ كەلمەكتە.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan