3 ئۇنىڭغا ئادەم ئەۋەتىپ: _ ئۆيۈڭگە كەلگەنلەرنى چىقىرىپ بەر! ئۇلار زېمىنىمىزنى چارلاش ئۈچۈن كەلگەنلەردۇر، _ دېدى.
تەخمىنەن ئۈچ ئاي ئۆتكەندىن كېيىن، بىرەيلەن يەھۇداغا: _ كېلىنىڭ تامار بۇزۇقچىلىق قىلىپ، ھامىلىدار بولۇپ قاپتۇ، _ دېدى. _ ئۇنى ئەكېلىپ ئوتتا كۆيدۈرۈڭلار! _ دېدى يەھۇدا.
بىز ئۇنىڭغا: «بىز ئايغاقچى ئەمەسمىز، سەمىمىي ئادەملەرمىز.
ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ. سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.
ئابسالومنىڭ ئادەملىرى بۇ ئۆيگە ئۇلارنى ئىزدەپ كېلىپ، ئۇ ئايالدىن: _ ئاخىمائاز بىلەن يوناتاننى كۆردۈڭمۇ؟ _ دەپ سورىدى. ئايال ئۇلارغا: _ ئۇلار دەريادىن ئۆتۈپ كەتتى، _ دەپ جاۋاب بەردى. ئابسالومنىڭ ئادەملىرى ئۇلارنى ئىزدەپ تاپالمىغاندىن كېيىن، يېرۇسالېمغا قايتىپ كېتىشتى.
ئاممونلارنىڭ ئەمەلدارلىرى خانۇنغا: _ داۋۇت ھال سورىغىلى ئادەم ئەۋەتىپتۇ، سىلىچە ئۇ ئاتىلىرىنىڭ ھۆرمىتىنى قىلىۋاتقانمىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەلچىلىرىنىڭ بۇ يەرگە كېلىشىنى پايلاقچىلىق قىلىش، شەھەرنى تەكشۈرۈش، ئاندىن شەھەرنى ئىشغال قىلىش، دەپ ئويلىماملا؟ _ دېيىشتى.
شۇنداق، رەزىللەر ئاپەت كۈنىدىن قۇتۇلۇپ قالىدۇ، خۇدانىڭ غەزەپ كۈنىدىن قېچىپ قۇتۇلالايدۇ.
_ مېنى ھاقارەت قىلغۇچى قارارگاھ سىرتىغا ئېلىپ چىقىلسۇن، ھاقارەتنى ئاڭلىغان بارلىق كىشىلەر قولىنى ئۇنىڭ بېشىغا قويسۇن. ئاندىن كېيىن جامائەت ئۇنى چالما-كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرسۇن.
ۋالىي پىلاتۇس يەنە ئوردىسىدىن چىقىپ، خالايىققا: - دىققەت! ئۇنىڭدىن ھېچقانداق جىنايەت تاپالمىغانلىقىمنى بىلىشىڭلار ئۈچۈن، ئۇنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا ئېلىپ چىقىمەن، - دېدى.
پېترۇسنى تۇتقاندىن كېيىن، ئۇنى زىندانغا تاشلاپ، ھەربىرى تۆت لەشكەردىن تەشكىل تاپقان تۆت نۆۋەتچى قاراۋۇللار توپىغا تاپشۇردى. ھېيتتىن كېيىن، ھىرود خان ئۇنى ئوچۇق سوت قىلىپ ئۆلتۈرمەكچى بولدى.
ھىرود خان پېترۇسنى ئېلىپ چىقىپ سوت قىلىشنىڭ ئالدىنقى كېچىسى، پېترۇس ئىككى زەنجىر بىلەن باغلانغان بولۇپ، ئىككى قاراۋۇلنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئۇخلاۋاتاتتى. ئىشىكنىڭ سىرتىغىمۇ قاراۋۇل قويۇلغانىدى.
ئۇلار يېرۇسالېم پادىشاھى، ھىبرون پادىشاھى، يارمۇت پادىشاھى، لاكىش پادىشاھى ۋە ئەگلون پادىشاھىنى ئېلىپ كەلدى.
ئېرىخا شەھىرىنىڭ پادىشاھى ئىسرائىللارنىڭ بۇ زېمىننى چارلاشقا كەلگەن چارلىغۇچىلىرىنىڭ راھابنىڭ ئۆيىگە چۈشكەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ،
ئەمما راھاب ئۇ ئىككىسىنى ئاللىقاچان يوشۇرۇپ قويغانىدى. ئۇ پادىشاھ ئەۋەتكەن ئادەملەرگە: _ شۇنداق، ئىككى ئادەمنىڭ كەلگەنلىكى راست، ئەمما ئۇلارنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىدىن خەۋىرىم يوق.
سىسىرا يائېلغا: _ چېدىرنىڭ ئالدىغا چىقىپ تۇرغايسىز، ئەگەر بىرى كېلىپ، بۇ يەردە ئادەم بارمۇ؟ دەپ سورىسا، يوق دېگەيسىز، _ دېدى.