13 ئاندىن شەرققە داۋاملىشىپ گاتخېفەر شەھىرى، ئېتقازىن شەھىرى ۋە رىممون شەھەرلىرىدىن ئۆتۈپ، نېئاھ شەھىرىگە بۇرۇلىدۇ.
ياروبئام II خۇددى پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا ئۆز خىزمەتكارى ئامىتاينىڭ ئوغلى گاتخېفەرلىك يۇنۇس پەيغەمبەر ئارقىلىق ئېيتقىنىدەك، ئىسرائىلىيەنىڭ شىمالىدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن تارتىپ تاكى جەنۇبتىكى ئۆلۈك دېڭىزغىچە بولغان ئارىلىقتىكى زېمىنلىرىنى قايتۇرۇۋالدى.
قارشى تەرەپتە سارىد شەھىرىدىن شەرقىي تەرەپكە سوزۇلۇپ، كىسلوت-تابور شەھىرىنىڭ پاسىلىغا بېرىپ، ئۇ يەردىن دابىرات شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، يەنە يۇقىرىلاپ يافىيا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
زەبۇلۇنلارنىڭ شىمالىي پاسىلى خانناتون شەھىرىدىن ئۆتۈپ، يىفتاخئېل جىلغىسىدا ئاخىرلىشىدۇ.