2 ئىسرائىللارنىڭ يەنە يەتتە قەبىلىسىگە تېخى زېمىن تەقسىم قىلىپ بېرىلمىگەنىدى.
ئىسرائىللار پۈتۈن زېمىنلارنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىن، پۈتكۈل خەلق شىلو شەھىرىگە يىغىلىپ، ئۇچرىشىش چېدىرى تىكتى.
يوشۇۋا ئىسرائىللارغا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدا سىلەرگە ئاتا قىلغان زېمىنلارنى قاچانغىچە ئىگىلىمەي تۇرىسىلەر؟