Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 17:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 ماناسسە قەبىلىسىگە بېرىلگەن بەيتشان، يىبلىئام، دور، يەنى نافەتدور، ئېندور، تاناك ۋە مىگىددو قاتارلىق شەھەرلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ئىسساكار قەبىلىسى بىلەن ئاشېر قەبىلىسىنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 17:11
22 Iomraidhean Croise  

داۋۇت بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، سائۇل ۋە ئۇنىڭ ئوغلى يوناتاننىڭ ئۇستىخانلىرىنى گىلئادتىكى يابېش خەلقىدىن ئالدى. (فىلىستىيەلىكلەر گىلبوۋا تېغىدا سائۇلنى ئۆلتۈرۈپ، ئۇنىڭ ۋە ئوغلىنىڭ جەسىتىنى بەيتشان مەيدانىغا ئېسىپ قويغانىدى. كېيىن گىلئادتىكى يابېشلار ئۇ ئىككىسىنىڭ جەسىتىنى ئۇ يەردىن ئوغرىلاپ كەتكەنىدى.)


تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:


يەھۇدىيە پادىشاھى ئاخازيا بۇنى كۆرۈپ، بەيت-ھاگانغا بارىدىغان يول بىلەن قاچتى. يېھۇ ئۇنى قوغلاپ: _ ئۇنىمۇ ئېتىڭلار! _ دېدى. ئۇلار يىبلىئامغا يېقىن بولغان گۇر شەھىرىنىڭ يېنىدىكى تۆپىلىكتە ئۇنى ئاتتى. لېكىن ئۇ مىگىددوغا قېچىپ بېرىپ، شۇ يەردە ئۆلدى.


قوھات ئەۋلادلىرىنىڭ قالغان جەمەتلىرىگە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىغا قاراشلىق بولغان ئانېر ۋە بىلئام دېگەن ئىككى شەھەر ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى ئوتلاقلار قوشۇپ بېرىلدى.


ماناسسە زېمىنىنىڭ چېگرىسىدا بەيتشان، تاناك، مىگىددو، دور شەھەرلىرى ۋە ئۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدا يېزىلار بار ئىدى. بۇ جايلاردا ئىسرائىلنىڭ ئوغلى يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى ياشايتتى.


لېكىن يوشىيا خۇدانىڭ نىكو ئارقىلىق دېگەن سۆزلىرىگە پەرۋا قىلمىدى. ئۇ لەشكەرلىرىنى چېكىندۈرمەستىن، ئەكسىچە، قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، مىگىددو تۈزلەڭلىكىدە نىكو بىلەن جەڭ قىلدى.


ئۇلار ئېندور يېزىسىدا قىرىلغانىدى، تەنلىرى تېزەك كەبى ئوغۇتقا ئايلانغانىدى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنى ئېيتىمەنكى، بىر ۋاقىت كېلىدۇ، ئۇ چاغدا ئاممونلارنىڭ پايتەختى رابباھ شەھىرى ئۆزىگە قارشى جەڭ چۇقانلىرىنى ئاڭلايدۇ، ئۇ شەھەر خارابە دۆۋىسىگە ئايلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار كۆيدۈرۈۋېتىلىدۇ، ئاندىن ئىسرائىللار ئۆزلىرىدىن تارتىۋېلىنغان زېمىننى قايتۇرۇۋالىدۇ. بۇ مەن پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ كۈن كەلگەندە، يېرۇسالېمدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەرياد خۇددى مىگىددو تۈزلەڭلىكىدىكى ھاداد-رىممون دېگەن جايدا كۆتۈرۈلگەن داد-پەريادقا ئوخشاش كۈچلۈك بولىدۇ.


شىمالىي تاغلىق رايونلاردىكى پادىشاھلارغا، جەلىلىيە كۆلىنىڭ جەنۇب تەرىپىگە جايلاشقان ئىئوردان ۋادىسىدىكى پادىشاھلارغا، غەربىي ئېدىرلىقلاردىكى پادىشاھلارغا، غەرب تەرەپكە جايلاشقان نافوت-دور زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا،


تاناك پادىشاھى مىگىددو پادىشاھى


نافوت-دورنىڭ يېنىدىكى دور پادىشاھى گىلگالنىڭ يېنىدىكى گويىم پادىشاھى


ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار.


ئەفرايىم زېمىنى بولسا قاناھ جىلغىسىنىڭ جەنۇبىدا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ زېمىنى بولسا دەريانىڭ شىمالىدا ئىدى. ئوتتۇرا دېڭىز بولسا ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي پاسىلى بولۇپ، ئۇلارنىڭ زېمىنى شىمالدا ئاشېر قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا، غەربتە ئىسساكار قەبىلىسىنىڭ پاسىلىغا تۇتىشاتتى.


يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرى جاۋاب قايتۇرۇپ: _ ئەفرايىم تاغلىق رايونى بىزگە تارلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تۈزلەڭلىكتىكى بەيتشان ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلار ۋە يىزرىئەل تۈزلەڭلىكىدە ياشاۋاتقان كەنئانلارنىڭ تۆمۈر بىلەن مۇستەھكەملەنگەن جەڭ ھارۋىلىرىمۇ بار، _ دېيىشتى.


ماناسسە قەبىلىسى بەيتشان، تاناك، دور، يىبلىئام، مىگىددو ۋە بۇ شەھەرلەرنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. چۈنكى كەنئانلىقلار ئۇ يەرلەردە تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇۋالغانىدى.


جەڭ قىلىشتى كەنئان پادىشاھلىرى، كېلىپ مىگىددو سۇلىرى بويىدىكى تاناكقا، لېكىن ئۇلار ئېرىشەلمىدى كۈمۈش ئولجىغا.


شۇڭا ئۇ ئەمەلدارلىرىغا: _ ماڭا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر ئايال تېپىپ كېلىڭلار، مەن ئۇ ئارقىلىق ئۆلگەنلەردىن سوراپ باقاي، _ دېدى. _ ئېندوردا ئەرۋاھ چاقىرالايدىغان بىر باخشى ئايال بار، _ دېدى ئەمەلدارلار.


ئۇلار سائۇلنىڭ ساۋۇت ۋە دۇبۇلغىلىرىنى ئاشتورەتنىڭ بۇتخانىسىغا قويۇپ، جەسىتىنى بەيتشانى شەھىرىنىڭ سېپىلىغا مىخلاپ قويدى.


ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ھەممە باتۇرلار بىر كېچە يول مېڭىپ، ئۇ يەرگە بېرىپ، سائۇل بىلەن ئۇنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ جەسەتلىرىنى بەيتشاننىڭ سېپىلىدىن ئېلىپ چۈشۈپ، يابېشقا ئاپىرىپ، ئۇ يەردە كۆيدۈردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan