Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 16:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەفرايىم قەبىلىسى كەنئانلارنى گەزەر شەھىرىدىن قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلار داۋاملىق ئەفرايىملار بىلەن بىرگە ياشاپ، ئۇلارغا قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر بولماقتا.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 16:10
12 Iomraidhean Croise  

تۆۋەندىكىلەر پادىشاھ سۇلايماننىڭ پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئوردىسىنى سالدۇرۇش، يېرۇسالېمدىكى تىندۇرۇلغان يەرنى چىڭداش، سېپىل ھەمدە خازور، مىگىددو ۋە گەزەر شەھەرلىرىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن ھاشارغا ئادەم ئالغانلىقىنىڭ خاتىرىسىدۇر:


(بۇرۇن مىسىر پىرئەۋنى، يەنى پادىشاھى گەزەرگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇ شەھەرنى ئالغاندىن كېيىن، شەھەردىكى كەنئانلىقلارنى ئۆلتۈرۈپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەن. كېيىن بۇ شەھەرنى پادىشاھ سۇلايمانغا ياتلىق قىلغان قىزىغا سوۋغا قىلىپ بەرگەن.


ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى تەلتۆكۈس يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.


ئىسرائىللار ئۇلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىگەندە، ئۇلارنى پۈتۈنلەي يوقىتىۋېتەلمىگەنىدى. سۇلايمان قۇرۇلۇشلارنى باشلىغاندا، ئۇلارنى ھاشارغا تۇتقان بولۇپ، ئۇلار شۇنىڭدىن بېرى ھاشارچى بولۇپ كەلمەكتە.


بۇ چاغدا، گەزەرنىڭ پادىشاھى ھورام قوشۇن باشلاپ، شەھەردىكىلەرگە ياردەمگە كەلگەنىدى. ئەمما يوشۇۋا ھورام پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ قوشۇنىنىمۇ قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


لېكىن يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر يېرۇسالېمدىكى يىبۇسلارنى قوغلاپ چىقىرىشقا ئامالسىز قالغاچقا، يىبۇسلار داۋاملىق يەھۇدا قەبىلىسىدىكىلەر بىلەن بىرگە ياشاپ كەلمەكتە.


ئۇنىڭدىن باشقا، ماناسسە قەبىلىسىنىڭ غەربىي يېرىمىدىكىلەرگە تەقسىم قىلىنىپ بېرىلگەن زېمىنلار ئىچىدە، ئەفرايىم قەبىلىسىگە بېرىلگەن شەھەر ۋە ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بار.


ئەمما ماناسسە قەبىلىسى بۇ شەھەرلەرنى ئىگىلىيەلمىدى. شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان كەنئانلار داۋاملىق شۇ يەردە ياشاۋەردى.


ئىسرائىللار كۈچەيگەندىن كېيىن، كەنئانلارنى قۇلدەك ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى ئەمما ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن پۈتۈنلەي قوغلاپ چىقارمىدى.


ئەفرايىم قەبىلىسىمۇ گەزەر شەھىرىدە تۇرىدىغان كەنئانلىقلارنى قوغلاپ چىقارمىدى. شۇڭا كەنئانلىقلار داۋاملىق ئۇلار بىلەن بىرگە ياشىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan