9 بۇ پاسىل بۇ ئېدىرلىقتىن يەنە نەفتوۋاخ بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، كېيىن ئەفرون تېغىدىكى شەھەرلەرگىچە بارىدۇ. ئۇ يەردىن يەنە قايرىلىپ، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلىدىغان بائالا شەھىرىگە تۇتىشىدۇ.
داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.
داۋۇت پەرۋەردىگار خۇدانىڭ ئەھدە ساندۇقىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن ئۇلارنى باشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ بائالا شەھىرىگە، يەنى قىريات-يىئارىم شەھىرىگە قاراپ يولغا چىقتى. پەرۋەردىگارنىڭ تەختى ئەھدە ساندۇقىنىڭ ئۈستىدىكى كېرۇبلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇپ، ئۇنىڭ نام-شەرىپى ئەھدە ساندۇقىدا ئىدى.
بائالا، ئىيىم، ئەزەم،
ھەمدە قىريات-بائال (يەنى قىريات-يىئارىم)، رابباھ قاتارلىق ئىككى شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.
جەنۇبىي پاسىلى بولسا قىرئات-يىئارىم شەھىرىنىڭ غەربىدىن باشلىنىپ، نەفتوۋاخ بۇلاقلىرىغا تۇتىشىدۇ.
ئىسرائىللار بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن يولغا چىقىپ، ئۈچ كۈندە ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىگە يېتىپ كەلدى. بۇ شەھەرلەرنىڭ نامى گىبئون، كىفىرا، بەئەروت، قىريات-يىئارىم دەپ ئاتىلاتتى.
ئۇلار يەھۇدا زېمىنىدىكى قىريات-يىئارىمغا بېرىپ، ئۇ يەردە قارارگاھ قۇردى. شۇ سەۋەبتىن قىريات-يىئارىمنىڭ غەربىدىكى شۇ يەرلەر تېخىچە «دان قارارگاھى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.
ئاخىرى ئۇلار قىريات-يىئارىم شەھىرىدىكى كىشىلەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ: _ فىلىستىيەلىكلەر پەرۋەردىگارنىڭ ئەھدە ساندۇقىنى قايتۇرۇپ بەردى، ئەمدى بۇ يەرگە كېلىپ، ئۇنى ئېلىپ كېتىڭلار! _ دېدى.