Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 15:7 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

7 كېيىن بالايىئاپەت جىلغىسىدىن ئۆتۈپ دىبىر شەھىرىگە بېرىپ، ئۇ يەردىن شىمالغا بۇرۇلۇپ، گىلگال شەھىرىگىچە بارىدۇ. گىلگال شەھىرى بولسا جىلغىنىڭ جەنۇبىدىكى ئادۇممىم تاغ داۋىنىنى كېسىپ ئۆتىدىغان يولنىڭ قارشى تەرىپىدە بولۇپ، بۇ پاسىل ئېنشەمەش بۇلىقىغىچە سوزۇلۇپ، روگېل بۇلىقى دېگەن جايدا ئاخىرلىشىدۇ.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 15:7
13 Iomraidhean Croise  

بۇ چاغدا ئەبىياتارنىڭ ئوغلى يوناتان بىلەن زادوقنىڭ ئوغلى ئاخىمائاز ئۆزلىرىنىڭ شەھەرگە كىرىپ چىقىۋاتقانلىقىنى باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ، يېرۇسالېمنىڭ چېتىدىكى روگېل بۇلىقىنىڭ بويىدا كۈتۈپ تۇراتتى. بىر خىزمەتچى قىز ئۇلارغا خەۋەر ئەكېلىپ تۇراتتى. ئۇلار ئاڭلىغانلىرىنى داۋۇت پادىشاھقا يەتكۈزۈپ تۇراتتى.


بىر كۈنى ئادونىيا ھەممە قېرىنداشلىرى، يەنى پادىشاھنىڭ باشقا ئوغۇللىرى ۋە يەھۇدىيەنىڭ پۈتۈن ئوردا ئەمەلدارلىرىنى روگېل بۇلىقى يېنىدىكى «يىلان قورام تېشى»نىڭ يېنىغا چاقىرىپ، قوي، كالا ۋە بوردالغان تورپاقلارنى سويۇپ قۇربانلىق قىلدى.


شارون تۈزلەڭلىكى قوي توپلىرىنىڭ ئوتلاقلىرىغا، ئاخور جىلغىسى كالا پادىلىرىنىڭ ماكانىغا ئايلىنىدۇ، بۇلار مېنى ئىزدىگەن خەلقىمگە مەنسۇپ بولىدۇ.


ئۇلارنىڭ ئانىسى بۇزۇقچىلىق قىلىپ، نومۇسسىزلارچە ئېغىر ئاياغ بولدى. ئۇ: ‹مەن ئاشنىلىرىمنى ئىزدەيمەن، ئۇلار ماڭا يېمەك-ئىچمىكىمنى، يۇڭ ۋە زىغىر رەختىمنى، زەيتۇن يېغى ۋە شارابىمنى بېرىدۇ› دەيدۇ.


ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.


كالىب قىريات-ئاربا زېمىنىدىن ئۆتۈپ دىبىر (ئىلگىرى قىرئات-سېفەر دەپ ئاتىلاتتى) شەھىرىگە ھۇجۇم قىلدى.


بەيت-خوگلا شەھىرىگىچە سوزۇلۇپ، كېيىن بەيت-ئارابا شەھىرىدىن ئۆتۈپ، رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بارىدۇ.


بۇ پاسىل يەنە ئۇ يەردىن شىمالغا قايرىلىپ ئېنشەمەشكە بېرىپ، ئادۇممىم داۋىنىنىڭ قارشىسىدىكى گىلىلوتقا تۇتىشىدۇ. كېيىن رۇبېننىڭ ئوغلى بوھاننىڭ نامى بىلەن ئاتالغان تاشقىچە بېرىپ،


خەلق ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتۈپ ئېرىخا شەھىرىنىڭ شەرقىي تەرىپىنىڭ سىرتىدىكى گىلگالدا قارارگاھ قۇرغان ۋاقىت 1-ئاينىڭ 10-كۈنىگە توغرا كەلدى.


ئاندىن يوشۇۋا بىلەن پۈتۈن ئىسرائىل خەلقى زەراخنىڭ ئوغلى ئاكاننى كۈمۈش، تون، چوكا ئالتۇن، ئوغۇل-قىز، كالا، ئېشەك، قوي، چېدىر ۋە باشقا پۈتۈن بىساتى بىلەن «بالايىئاپەت جىلغىسى»غا ئېلىپ كەلدى.


ھەمدە جەسەتنىڭ قالدۇقلىرىنىڭ ئۈستىگە تاشلارنى دۆۋىلەپ قويدى. ئۇ دۆۋىلەنگەن تاشلار شۇنىڭدىن بېرى شۇ يەردە تۇرماقتا. مانا بۇ شۇ جىلغىنىڭ «بالايىئاپەت جىلغىسى» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبىدۇر. شۇنىڭدىن كېيىن پەرۋەردىگارنىڭ ئىسرائىللارغا بولغان غەزىپى ياندى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan