12 ئۇلارنىڭ غەربىي پاسىلى ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى ئىدى. يەھۇدا قەبىلىسى ۋە ئۇلارنىڭ جەمەتلىرىنىڭ پاسىلى مانا شۇ ئىدى.
غەربىي چېگرايىڭلار ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغاقلىرى بولۇپ، شىمالىي چېگرايىڭلار باشلانغان يەرگىچە، يەنى لىبو-خاماتنىڭ غەربىگىچە سوزۇلىدۇ.
يەھۇدا قەبىلىسىنىڭ يېرى رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.
سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.
ئۇ يەنە ئەقرون شەھىرىنىڭ شىمالىدىكى تاغ باغرىنى بويلاپ، شىككارون شەھىرىگە بۇرۇلۇپ، بائالا تېغىغا بېرىپ، يابنىئېل شەھىرىدىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا ئاخىرلىشىدۇ.
ھەمدە ئاشدود، گازا ئەتراپىدىكى يېزىلار بىلەن قوشۇلۇپ، مىسىر چېگراسىدىكى دەرياغا ۋە ئوتتۇرا دېڭىز ياقىسىغا باراتتى.
بۇ زېمىنلار يەتتە پارچىغا بۆلۈنسۇن. جەنۇبتىكى زېمىنلار يەھۇدا قەبىلىسىگە، شىمالدىكى زېمىنلار يۈسۈپنىڭ ئەۋلادلىرىغا قالدۇرۇلسۇن.