Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 14:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

9 شۇ چاغدا مۇسا پەيغەمبەر: «سېنىڭ قەدىمىڭ يەتكەن يەرلەرنىڭ ھەممىسى ساڭا ۋە سېنىڭ ئەۋلادلىرىڭغا مەڭگۈ تەۋە بولسۇن، چۈنكى سەن پەرۋەردىگارىمىزغا چىن قەلبىڭ بىلەن ئەگەشتىڭ» دەپ قەسەم بەرگەنىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 14:9
8 Iomraidhean Croise  

زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىلىدۇ رەزىللىك قىلغۇچىلار، ئەمما زېمىنغا ئىگە بولىدۇ ئۈمىدىنى پەرۋەردىگارغا باغلىغانلار.


ئۇلار دەسلەپ نەگېب چۆللۈكىدىن كېسىپ ئۆتۈپ، ھىبرون شەھىرىگە كەلدى. ئۇ يەردە ئاناقنىڭ ئەۋلادلىرى بولغان ئاخىمان، شېشاي ۋە تالمايلار ياشايتتى. (ھىبرون مىسىردىكى زوئان شەھىرىدىن يەتتە يىل ئىلگىرى بىنا قىلىنغانىدى.)


پەقەت يىفۇننەنىڭ ئوغلى كالىبنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلىمەن. ئۇنىڭ ئايىغى تەگكەن ھەممە يەرلەرنى ئۇنىڭغا ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىغا ئاتا قىلىمەن. چۈنكى ئۇ ماڭا چىن قەلبى بىلەن ئەگەشتى» دېدى.


سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا يەر سىلەرگە تەۋە بولىدۇ. چۆللۈكتىن لىۋانغىچە، فىرات دەرياسىدىن ئوتتۇرا دېڭىزغىچە بولغان ھەممە يەرلەر سىلەرنىڭ زېمىنىڭلار بولىدۇ.


مەن مۇساغا قىلغان ۋەدەم بويىچە، سىلەرنىڭ ئايىغىڭلار تەگكەنلا زېمىننى سىلەرگە بېرىمەن.


ماڭا قارا، پەرۋەردىگار ۋەدە قىلغىنىدەك، ئۇ مېنىڭ ھاياتىمنى ساقلاپ قالدى، شۇڭا مەن ھازىرغا قەدەر ياشاپ كەلدىم. پەرۋەردىگار مۇسا پەيغەمبەرگە ۋەدە قىلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە 45 يىل ئۆتۈپ كەتتى. ئۇ ۋاقىتتا ئىسرائىل خەلقى چۆل-باياۋانلاردا سەرگەردان بولۇپ يۈرۈۋاتقانىدى. ماڭا قارا، مەن ھازىر 85 ياشقا كىردىم.


مۇسا پەيغەمبەرنىڭ ئىلگىرى تاپىلىغان سۆزلىرى بويىچە ھىبرون شەھىرى كالىبقا بېرىلدى. كالىب ئاناقنىڭ ئۈچ ئوغلىنىڭ ئەۋلادلىرىنى ئۇ شەھەردىن قوغلاپ چىقاردى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan