Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 14:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

3 مۇسا پەيغەمبەر ئىككى قەبىلە ۋە يەنە بىر قەبىلىنىڭ يېرىمىغا ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىدىكى زېمىنلارنى تەقسىم قىلغان، ئەمما لاۋىي قەبىلىسىگە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرمىگەنىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 14:3
9 Iomraidhean Croise  

_ ئىسرائىل زېمىنىنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىم قىلغىنىڭلاردا، بىر پارچە يەرنى مەن پەرۋەردىگارغا ئايرىپ قويۇڭلار. بۇ يەرنىڭ ئۇزۇنلۇقى 12.5 كىلومېتىر، كەڭلىكى 10 كىلومېتىر بولسۇن. بۇ يەرنى مۇقەددەس يەر دەپ ئاتاڭلار.


ئىلگىرى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا ۋە ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلارنى مەغلۇپ قىلغانىدى. مۇسا پەيغەمبەر بۇ زېمىنلارنى رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۈلۈك قىلىپ بەرگەنىدى.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان.


ئۇ يەنە خەشبون شەھىرى ۋە شۇ ئېگىزلىكتىكى بارلىق شەھەرلەرنى _ دىبون، باموت-بائال، بەيت-بائالمىئون،


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قىرغىقىدىكى زېمىنلارنى ئاللىقاچان ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ ۋە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىنىڭ ئىگىدارچىلىق قىلىشىغا تەقسىم قىلىپ بەرگەنىدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan