Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 13:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

4 سىلەر كەنئانلارنىڭ شىمالدىكى پۈتكۈل زېمىنىنى، شۇنداقلا سىدونلۇقلار تەۋەلىكىدىكى مىئارادىن تارتىپ، ئامورلار زېمىنىغا چېگراداش ئافېق شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارنىمۇ ئىگىلىشىڭلار كېرەك.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 13:4
11 Iomraidhean Croise  

ئەتىياز كېلىشى بىلەن بەنھاداد قوشۇنلىرىنى يىغىپ، ئىسرائىلىيەگە قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئافېققا باردى.


ھايات قالغانلىرى ئافېق شەھىرىگە قېچىپ كىرىۋالغان بولسىمۇ، شەھەر سېپىلى ئۆرۈلۈپ، 27 مىڭ ئادەمنى بېسىپ ئۆلتۈردى. بەنھادادمۇ شەھەرگە قېچىپ كىرىپ، بىر ئۆينىڭ ئەڭ ئىچكىرى خانىسىغا يوشۇرۇنۇۋالدى.


ئۇنىڭغا ئىگەڭ پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «سېنىڭ نەسەبىڭ يات كەنئاندىندۇر، سەنمۇ ئۇ يەردە تۇغۇلدۇڭ. ئاتاڭ ئامور خەلقىدىن، ئاناڭ خىت خەلقىدىندۇر.


ئامورلارنىڭ زېمىنىنى ئىگىلىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، چۆل-باياۋانلاردا قىرىق يىل يېتەكلىگەن مەن ئەمەسمىدىم؟!


شۇنداق قىلىپ يوشۇۋا جەنۇبتىكى بارلىق زېمىننى، يەنى تاغلىق رايونلارنى، نەگېب چۆللۈكىنى، غەربىي ئېدىرلىقلارنى ۋە تاغ باغىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق زېمىنلارنىڭ پادىشاھلىرىنى خەلقى بىلەن قوشۇپ بويسۇندۇردى. ئۇلار پەرۋەردىگار، يەنى ئۆزلىرى ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇدانىڭ بۇيرۇقى بويىچە بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق خەلقنى تەلتۆكۈس قىرىپ تاشلاپ، ھېچكىمنى تىرىك قالدۇرمىدى.


غەربىي كەنئان ۋە شەرقىي كەنئان زېمىنىدىكى پادىشاھلارغا، ئامور پادىشاھلىرىغا، خىتلار، پەرىززىلەر، تاغلىق رايونلاردىكى يىبۇسلار ۋە مىزپاھ زېمىنىغا قاراشلىق خەرمون تاغ ئېتەكلىرىدىكى شەھەرلەردە ياشايدىغان خىۋلارغا خەۋەر ئەۋەتتى.


ئافېق پادىشاھى لاشارون پادىشاھى


ئۇلارنىڭ زېمىنىدا ئۇمماھ، ئافېق ۋە رىخوب قاتارلىق 22 شەھەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ شۇنىڭ ئىچىدە.


ئۇ چاغلاردا فىلىستىيەلىكلەر ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلغانىدى. ئىسرائىللار ئۇلارغا قارشى جەڭگە ئاتلاندى. ئىسرائىللار ئەبەنەزەر دېگەن يەردە، فىلىستىيەلىكلەر ئافېق دېگەن يەردە بارگاھ تىكىشتى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan