يوشۇۋا 13:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 بۇ زېمىنلار مىسىرنىڭ شەرقىدىكى شىخور دەرياسىدىن تارتىپ، شىمالدىكى ئەقرون شەھىرىنىڭ چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ (بۇ زېمىنلار كەنئانلارنىڭ زېمنى دەپ قارىلىدۇ). بۇنىڭ ئىچىدە گازا، ئاشدود، ئاشقىلون، گات ۋە ئەقرون قاتارلىق شەھەرلەرگە فىلىستىيەلىك بەش ھۆكۈمدار ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. يەنە جەنۇبتىكى ئاۋۋىم خەلقىنىڭ زېمىنىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە. Faic an caibideil |
شۇ كۈندىن باشلاپ پادىشاھ سۇلايمان شىمالدىكى لىبو-خامات شەھىرىدىن جەنۇبتىكى مىسىر چېگراسىغا جايلاشقان دەرياغىچە بولغان ئارىلىقتىن كېلىپ توپلانغان پۈتكۈل ئىسرائىللار بىلەن بىرلىكتە پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئالدىدا زور جامائەت بولۇپ توپلىنىپ، ئىككى كەررە يەتتە كۈن، يەنى ئون تۆت كۈن كەپە تىكىش ھېيتى ئۆتكۈزدى.
_ گۇناھىمىزنى يۇيۇش ئۈچۈن نېمە بەرسەك بولار؟ _ دەپ سوراشتى فىلىستىيەلىكلەر. ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاب بېرىشتى: _ گۇناھىڭلارنى يۇيۇش ئۈچۈن سىلەر ئۆز بېگىڭلارنىڭ سانىغا ئاساسەن ئالتۇندىن بەش دانە ئۆسمىنىڭ ۋە بەش دانە چاشقاننىڭ ھەيكىلىنى قۇيدۇرۇڭلار. چۈنكى ئوخشاش بالايىئاپەت سىلەرگىمۇ، سىلەرنىڭ بېگىڭلارغىمۇ كەلدى.