Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 13:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 مۇسا پەيغەمبەر رۇبېن قەبىلىسىگە ئۇلارنىڭ جەمەتى بويىچە زېمىن تەقسىم قىلىپ بەرگەن.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 13:15
7 Iomraidhean Croise  

لېياھتىن تۇغۇلغانلىرى: رۇبېن (تۇنجى ئوغۇل)، شىمون، لاۋىي، يەھۇدا، ئىسساكار ۋە زەبۇلۇن.


تۆۋەندىكىلەر ئىسرائىل قەبىلىلىرىدىكى بىر قىسىم جەمەتلەرنىڭ باشلىقلىرىدۇر. ياقۇپنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېننىڭ خانوك، پاللۇ، خەزرون ۋە كارمى قاتارلىق تۆت ئوغلى بولۇپ، ئۇلار ئۆز جەمەتلىرىنىڭ باشلىقلىرى ئىدى.


رۇبېن قەبىلىسنىڭ يېرى ئەفرايىم قەبىلىسىنىڭ يېرىنىڭ جەنۇبىدا بولسۇن. ئۇلارنىڭ يېرى ئىسرائىل زېمىنىنىڭ شەرقىي چېگراسىدىن غەربىي چېگراسىغىچە سوزۇلىدۇ.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


ئۇلارنىڭ زېمىنى ئارنون جىلغىسىنىڭ چېتىدىكى ئاروئېر شەھىرىدىن باشلىنىپ، جىلغىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى شەھەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا مېدىبا شەھىرى ئورۇنلاشقان پۈتۈن ئېگىزلىككە سوزۇلغان.


ھازىر پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۆز ۋەدىسى بويىچە سىلەرگە ئامانلىق بەردى. سىلەر ئەمدى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي تەرىپىدىكى، يەنى پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە تەقسىم قىلىپ بەرگەن زېمىنلاردىكى يۇرتۇڭلارغا قايتىڭلار.


ئەمما پادىشاھ سىخون ئىسرائىللارنىڭ ئۆزىنىڭ زېمىنىدىن ئۆتۈۋېلىش ئۈچۈن كەلگەنلىكىگە ئىشەنمىدى. شۇڭا پادىشاھ سىخون ئۆز ئادەملىرىنى يىغىپ، ياھاز شەھىرىدە بارگاھ قۇرۇپ، ئىسرائىللارغا ھۇجۇم قىلدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan