Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 13:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئەمما ئىسرائىل خەلقى گىشۇر ۋە مائاكا خەلقىنى بۇ زېمىندىن قوغلىمىدى، شۇڭا ئۇلار ئىسرائىل خەلقى ئارىسىدا داۋاملىق ياشاپ كەلمەكتە.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 13:13
13 Iomraidhean Croise  

ئىسرائىل ئۇ يەردە تۇرغان ۋاقتىدا، ئۇنىڭ تۇنجى ئوغلى رۇبېن ئاتىسىنىڭ توقىلى بىلھاھ بىلەن بىر ئورۇندا ياتتى. ئىسرائىل بۇنىڭدىن خەۋەر تاپتى. ياقۇپنىڭ ئون ئىككى ئوغلى بار ئىدى.


ئاممونلار ئۆزلىرىنىڭ داۋۇتنى رەنجىتىپ قويغانلىقىنى بىلىپ، بەيت-رىخوب ۋە زوباھتىكى ئارراملاردىن 20 مىڭ پىيادە لەشكەر، مائاكا پادىشاھىدىن مىڭ لەشكەر، توبلۇقلاردىن 12 مىڭ لەشكەر ياللىدى.


ئىككىنچى ئوغلى كارمەللىك نابالدىن تۇل قالغان ئابىگالدىن تۇغۇلغان كىلاب، ئۈچىنچى ئوغلى گىشۇرنىڭ پادىشاھى تالماينىڭ قىزى مائاكادىن تۇغۇلغان ئابسالوم،


ئەگەر سىلەر ئۇ يەردىكى ئاھالىلەرنى قوغلىۋەتمىسەڭلار، ئۇلار كۆزۈڭلارغا تىكەن، بېقىنىڭلارغا نەشتەر بولۇپ سانجىلىپ، ئاراڭلاردا پاراكەندىچىلىك پەيدا قىلىدۇ.


ماناسسە قەبىلىسىدىن بولغان يائىر پۈتۈن ئارگوب زېمىنىغا، يەنى باشانغا ئىگە بولدى. بۇ زېمىنىنىڭ چېگراسى گىشۇرلار ۋە مائاكالارنىڭ زېمىنىغا تۇتىشاتتى. ئۇ يېزىلارغا ئۆزىنىڭ ئىسمىنى قويدى، بۇلار تاكى ھازىرغىچە «يائىر يېزىلىرى» دەپ ئاتىلىپ كەلمەكتە.)


ئۇ شىمالدا خەرمون تېغىدىن تارتىپ، سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان زېمىنلارغا، غەربتە پۈتكۈل باشان زېمىنىدىن تارتىپ، گىشۇر ۋە مائاكانىڭ چېگرالىرىغىچە ھەمدە گىلئادنىڭ شىمالىي يېرىمىدىن تارتىپ، خەشبونلۇق سىخون پادىشاھنىڭ چېگراسىغىچە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى.


ئۇ يەنە گىلئاد، گىشۇر ۋە مائاكالىقلارنىڭ زېمىنلىرىنى، خەرمون تېغى، شۇنداقلا باشاننىڭ سالكاھ شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ،


يەنى باشان زېمىنىدىكى ئاشتاروت ۋە ئەدرەئى شەھىرىدە ھۆكۈمرانلىق قىلغان ئوگ پادىشاھنىڭ بارلىق زېمىنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پادىشاھ ئوگ رافاھلارنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئەۋلادى بولۇپ، مۇسا پەيغەمبەر رافاھلارنى مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلارنى بۇ زېمىنلاردىن قوغلاپ چىقارغانىدى.


مۇسا پەيغەمبەر پەرۋەردىگارنىڭ دېگىنى بويىچە پەقەت لاۋىي قەبىلىسىگىلا ھېچقانداق زېمىن تەقسىم قىلمىغان ئىدى. چۈنكى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگار خۇداغا سۇنۇلغان ھەدىيەلەر ئۇلارنىڭ زېمىنى ئورنىدا تەقسىم قىلىنغان نېسىۋىسى ئىدى.


بۇ جەرياندا ئۇ ئۆز ئادەملىرى بىلەن گىشۇرلۇقلار، گىرزىلەر ۋە ئامالەكلەرگە ھۇجۇم قىلىپ تۇردى. (بۇ خەلقلەر قەدىمدىن تارتىپ شۇر ۋە مىسىرغىچە بولغان بۇ يەرلەردە ياشاپ كەلگەنىدى.)


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan