19 بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى.
ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.
بۇلار فىلىستىيەلىكلەرنىڭ بەش بەگلىكى، پۈتۈن كەنئانلار، سىدونلۇقلار ۋە بائال-خەرمون تېغىدىن لىبو-خاماتقىچە سوزۇلغان لىۋان تاغلىق رايونىدا ياشايدىغان خىۋلار ئىدى.