18 ئىسرائىللار بۇ پادىشاھلار بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ئۇرۇش قىلدى.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى جەنۇبتا سەئىرنىڭ يېنىدىكى خالاق تېغىدىن باشلىنىپ، شىمالدا لىۋان جىلغىسىنىڭ خەرمون تېغى باغرىدىكى بائالگاد شەھىرىگىچە كېڭەيدى. يوشۇۋا بۇ زېمىنلاردىكى بارلىق پادىشاھلارنى يوقاتتى.
بۇ زېمىنلاردا ياشايدىغان گىبئوندىكى خىۋلاردىن باشقا، ھېچكىم ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزمىگەنىدى، شۇڭا ئۇلارنىڭ شەھەرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ئىگىلىدى.
يوشۇۋا پەرۋەردىگارنىڭ مۇساغا قىلغان ئەمرى بويىچە بارلىق زېمىنلارنى ئۆز ئىلكىگە ئالدى ۋە بۇ زېمىنلارنى ئىسرائىل قەبىلىلىرىگە مۈلۈك قىلىپ تەقسىملەپ بەردى. شۇنىڭدىن كېيىن بۇ زېمىندا ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.