41 يوشۇۋا كادېش-بارنېيا شەھىرى بىلەن گازا شەھىرىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زېمىنلارنى ۋە گوشەنگە تەۋە بولغان زېمىنلاردىن تارتىپ، گىبئون شەھىرىگىچە بولغان پۈتكۈل زېمىننى بويسۇندۇردى.
ئۇلارنىڭ زېمىنىنىڭ چېگراسى سىدوننىڭ جەنۇبىدىن گىرارنىڭ يېنىدىكى گازا شەھىرىگىچە، شەرقتە سودوم، گومورا، ئادماھ ۋە زىبويىمنىڭ يېنىدىكى لەشا شەھىرىگىچە ئىدى
سۇلايمان گىبئوندىكى ۋاقتىدا، بىر كېچىسى پەرۋەردىگار خۇدا ئۇنىڭ چۈشىدە زاھىر بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: _ نېمە تىلىكىڭ بار، سورىغىن.
ئاشقىلون خەلقى بۇنى كۆرۈپ، قورقۇپ كېتىدۇ. گازا خەلقىمۇ، ئازابتىن تولغىنىدۇ. ئەقرون خەلقىمۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ. گازانىڭ پادىشاھى ئۆلتۈرۈلىدۇ، ئاشقىلون ئادەمسىز قالىدۇ.
ئۇلار مۇسا، ھارۇن ۋە بارلىق ئىسرائىل خەلقى جايلاشقان پاران چۆلىدىكى كادېش دېگەن جايغا قايتتى. ئۇلار ئۇ جايدا مۇسا ۋە ھارۇن ھەم ئۇ يەرگە يىغىلغان بارلىق ئىسرائىل خەلقىگە كەنئان زېمىنىنىڭ مېۋىلىرىنى كۆرسەتتى
ئىلگىرى مەن كادېش-بارنېيادىكى ۋاقتىمدا ئاتىلىرىڭلارنى ئۇ يەرنى چارلاپ كېلىشكە ئەۋەتسەم، ئۇلارمۇ شۇنداق قىلغانىدى.
جەنۇب تەرەپكە بۇرۇلۇپ، چايان داۋىنىدىن يەنە جەنۇبقا سوزۇلۇپ، زىن چۆلىدىن ئۆتۈپ، كادېش-بارنېيا شەھىرىنىڭ جەنۇبىغا، خازار-ئاددار شەھىرىگە، ئۇ يەردىن ئازمون شەھىرىگە بارىدۇ.
شۇ ۋاقىتتا، خۇدانىڭ بىر پەرىشتىسى فىلىپقا: - جەنۇبقا قاراپ يېرۇسالېمدىن گازا شەھىرىگە ماڭىدىغان چۆلدىكى يولغا ماڭ! - دېدى.
_ بىز پەرۋەردىگارىمىز خۇدانىڭ ئەمرى بويىچە سىناي تېغىدىن يولغا چىقىپ، سىلەر كۆرگەن ئاشۇ چەكسىز، قورقۇنچلۇق قاقاس چۆللۈكتىن ئۆتۈپ، ئامورلارنىڭ تاغلىق رايونى بىلەن كادېش-بارنېياغا باردۇق.
كرىت خەلقىمۇ گازانىڭ ئەتراپىدىكى يېزىلاردا ياشايدىغان ئاۋۋىم خەلقىنى يوقىتىپ، زېمىنىنى ئىگىلىۋالغانىدى.)
پەرۋەردىگار خەلقنى كادېش-بارنېيادىن ئايرىلىپ، ئۇلارغا ئاتا قىلغان زېمىننى ئىگىلەشكە ئەمر قىلغاندا، ئۇلار پەرۋەردىگارنىڭ ئەمرىنى رەت قىلىپ، پەرۋەردىگارغا ئىشەنمىدى ۋە ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلمىدى.
پەرۋەردىگار ئىسرائىللارغا نۇسرەت ئاتا قىلىپ، ئامورلارنى مەغلۇپ قىلغان كۈنى، يوشۇۋا ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئالدىدا پەرۋەردىگارغا: «قۇياش گىبئون ئاسمىنىدا توختاپ تۇرسۇن، ئاي ئاييالون جىلغىسىدا توختاپ تۇرسۇن» دەپ دۇئا قىلدى.
پادىشاھ ئادونى-زىدىك بۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ، ئىنتايىن قورقتى. چۈنكى گىبئون شەھىرى ئاي شەھىرىدىنمۇ چوڭ بولۇپ، پادىشاھى بار بىرنەچچە شەھەرگە تەڭ كېلەتتى. ئادەملىرىمۇ باتۇر ئىدى.
يوشۇۋا بارلىق زېمىنلىرىنى، يەنى شىمالىي تاغلىق رايونلار، پۈتكۈل نەگېب چۆللۈكى، پۈتكۈل گوشەن زېمىنى، غەربىي ئېدىرلىقلار، ئىئوردان دەرياسى ۋادىسى، جەلىلىيەدىكى تاغلىق رايونلار ۋە ئېدىرلىقلارنى بويسۇندۇردى.
ئىسرائىللارنىڭ زېمىنى ئىچىدە ئاناقلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھېچكىم قالمىدى. بىراق ئۇلاردىن ئازغىنا بىر قىسمى گازا، گات، ۋە ئاشدود شەھەرلىرىدە قېلىپ قالدى.
گوشەن، خولون، گىلوھ قاتارلىق 11 شەھەر بولۇپ، ئەتراپىدىكى يېزىلارمۇ بۇلارنىڭ ئىچىدە.
بىر كۈنى شىمشون فىلىستىيەدىكى گازاغا بېرىپ، ئۇ يەردە بىر پاھىشە ئايال بىلەن بىللە بولدى.
فىلىستىيەلىكلەر ئۇنى تۇتۇپ، كۆزلىرىنى ئويۇۋېلىپ، گازاغا ئېلىپ كەلدى. ئۇنى تۇچ زەنجىر بىلەن كىشەنلەپ، زىندانغا تاشلاپ ئۇن تارتىشقا سالدى.
فىلىستىيەلىكلەرنىڭ پەرۋەردىگارغا ئەيىب قۇربانلىقى سۈپىتىدە ئاتىغان ئۆسمە ھەيكەللىرىنىڭ بىرى ئاشدود، بىرى گازا، بىرى ئاشقىلون، بىرى گات ۋە بىرى ئەقرون ئۈچۈن ئىدى.