يوشۇۋا 10:3 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى3 يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى: Faic an caibideil |
يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىيا لاكىش شەھىرىدە تۇرۇۋاتقان ئاسسۇر پادىشاھىغا ئەلچى ئەۋەتىپ، مۇنداق دېدى: _ گۇناھ مەندە، بۇ يەردىن چېكىنىپ كەتسىلە، ماڭا قانداق سېلىق سالسىلا، مەن ئۇنى ئۈستۈمگە ئالىمەن. شۇنىڭدىن كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى يەھۇدىيە پادىشاھى خىزكىياغا ئون توننا كۈمۈش ۋە بىر توننا ئالتۇن سېلىق سالدى.
كېيىن ئاسسۇر پادىشاھى ئۆزىنىڭ باش سەركەردىسى، ئوردا غوجىدارى ۋە خاس سەركەردىسىنى زور قوشۇنى بىلەن بىرگە لاكىش شەھىرىدىن يېرۇسالېمدىكى پادىشاھ خىزكىيانىڭ ئالدىغا ئەۋەتتى. ئۇلار يېرۇسالېمغا كېلىپ، بىر ئۆستەڭ بويىدا توختىدى. بۇ ئۆستەڭ «يۇقىرىدىكى كۆلچەك»كە سۇ قۇيۇلىدىغان، يەنى كىر يۇيىدىغان دالاغا بارىدىغان يولدا ئىدى.