Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 10:19 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

19 قالغانلىرىڭلار قاچقان دۈشمەننىڭ ئارقىسىدىن داۋاملىق قوغلاپ، ھۇجۇم قىلىڭلار. ئۇلارنىڭ ئۆز شەھەرلىرىگە كىرىۋېلىشىغا يول قويماڭلار. پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئۇلارنى قولۇڭلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدۇ _ دەپ بۇيرۇق قىلدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 10:19
8 Iomraidhean Croise  

داۋۇت چېكىنىپ بىرەر شەھەرگە كىرىۋالسا، بىز پۈتۈن ئىسرائىللار ئارغامچىلارنى ئېلىپ كېلىپ، شەھەرنىڭ سېپىللىرىنى جىلغىغا تارتىپ چۈشۈرىمىز. ھەتتا شەھەرنىڭ ئورنىدا كىچىككىنە بىر تال تاشمۇ قالمايدۇ.


شۇڭا داۋۇت ئابىشايغا: _ بىكرىنىڭ ئوغلى شىبا بىزگە ئابسالومدىنمۇ ئېغىر زىيان ئېلىپ كېلىدۇ. سەن ئادەملىرىمنى باشلاپ بېرىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن قوغلا. ئۇ سېپىللىرى مۇستەھكەم بىر شەھەرگە كىرىپ، يوشۇرۇنۇۋالمىسۇن، _ دېدى.


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى جان-دىلى بىلەن قىلماي، قىلىچلىرىنى قان تۆكۈشكە ئىشلەتمىگەنلەر لەنەتكە قالسۇن!


كىشىلەر دەيدۇ: «بىز نېمىشقا بۇ يەردە ئولتۇرىمىز؟ مۇستەھكەم شەھەرلەرگە بېرىپ، توپلىنايلى. ئەگەر بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا بىزنى ئۆلۈشكە بۇيرۇغان تەقدىردىمۇ، ھېچ بولمىغاندا ئۇ يەردە ئۇرۇش قىلىپ ئۆلەيلى. پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۇ بىزگە زەھەر بىلەن تولغان قەدەھنى ئىچىشكە بەردى.


قوشۇنلىرىغا: _ بىرنەچچە ئادەم قورام تاشلار بىلەن ئۆڭكۈرنىڭ ئېغىزىنى ئېتىپ قويۇپ، ئۇ يەرنى كۆزەت قىلسۇن.


يوشۇۋا ۋە ئىسرائىل قوشۇنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك يوقاتتى. ئاز بىر قىسمى سېپىللىرى مۇستەھكەم شەھەرلەرگە قېچىپ كىرىۋالدى.


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan