15 ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بىلەن ئىسرائىللارنىڭ پۈتۈن قوشۇنى ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.
ئۇ يەنە شەھەر ئاھالىسىنى ھەرە، كەتمەن، پالتا بىلەن قىلىنىدىغان ئىشلارغا ۋە خۇمداندا خىش پىشۇرۇشقا سالدى. داۋۇت ئاممونلارنىڭ باشقا شەھەر ئاھالىلىرىگىمۇ شۇنداق ئىشلارنى قىلدۇردى. ئاندىن داۋۇت پۈتۈن قوشۇنىنى باشلاپ، يېرۇسالېمغا قايتىپ كەتتى.
پەرۋەردىگارنىڭ يوشۇۋانىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلغانلىقىغا ئوخشاش بۇنداق ئىش ئۇنىڭدىن بۇرۇنمۇ بولۇپ باقمىغانىدى ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنمۇ بولۇپ باقمىدى. شۇ كۈنى پەرۋەردىگار ھەقىقەتەن ئىسرائىللار ئۈچۈن جەڭ قىلغانىدى.
ئۇرۇشتا ئامورلارنىڭ بەش پادىشاھى قېچىپ كېتىپ، ماققېدادىكى بىر ئۆڭكۈرگە يوشۇرۇنۇۋالغانىدى.
ئۇرۇشتىن كېيىن يوشۇۋا بارلىق ئىسرائىل قوشۇنى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ گىلگالدىكى قارارگاھىغا قايتىشتى.
گىبئونلۇقلار گىلگالدىكى يوشۇۋانىڭ قارارگاھىغا جىددىي ئادەم ئەۋەتىپ، يوشۇۋادىن: «تاغلىق رايونلاردىكى ئامورلارنىڭ پادىشاھلىرى بىرلىشىپ بىزگە ھۇجۇم قىلدى، تېزلىكتە كېلىپ بىزگە ياردەم بېرىڭلار، بىزنى قۇتقۇزۇۋېلىڭلار، بىز خىزمەتكارلىرىڭىزنى تاشلاپ قويماڭلار!» دەپ ئۆتۈنۈشتى.