Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يوشۇۋا 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرىنى ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ۋە ئاي شەھىرىنىمۇ تەلتۆكۈس ۋەيران قىلىپ، پادىشاھىنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ يەنە گىبئونلۇقلارنىڭ ئىسرائىللار بىلەن تىنچلىق ئەھدىنامىسى تۈزۈپ، ئىسرائىللار ئارىسىدا ياشاۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى.

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يوشۇۋا 10:1
10 Iomraidhean Croise  

ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى ھەم سالېمنىڭ پادىشاھى مالكىسىدىقمۇ نان ۋە شاراب ئېلىپ، ئىبرامنىڭ ئالدىغا چىقىپ،


مالكىسىدىق سالىم شەھىرىنىڭ پادىشاھى ھەم ئۇلۇغ خۇدانىڭ روھانىيسى بولۇپ، ئىبراھىم بىرقانچە پادىشاھنى يېڭىپ جەڭدىن قايتقان چاغدا، ئۇ ئىبراھىم بىلەن كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا بەخت تىلىگەنىدى.


يېرۇسالېمنىڭ پادىشاھى ئادونى-زىدىك ھىبرون پادىشاھى ھوھام، يارمۇت پادىشاھى پىرئام، لاكىش پادىشاھى يافىيا ۋە ئەگلون پادىشاھى دىبىرغا ئەلچى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا مۇنداق دېدى:


ئۇلار شەھەردىكى بارلىق ئەر-ئايال، قېرى-ياش، كالا، قوي ۋە ئېشەكلەرنى قىلىچ بىلەن تەلتۆكۈس يوقاتتى.


سىلەر ئېرىخا شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنى قانداق قىلغان بولساڭلار، ئاي شەھىرى ۋە ئۇنىڭ پادىشاھىنىمۇ شۇنداق قىلىڭلار. بىراق بۇ قېتىم سىلەر ئۇلارنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مال-چارۋىلىرىنى ئولجا ئالساڭلار بولىدۇ. شەھەرنىڭ كەينى تەرىپىگە بۆكتۈرمە قويۇڭلار.


يوشۇۋا ۋە پۈتۈن ئىسرائىل لەشكەرلىرى بۆكتۈرمىدىكى قوشۇننىڭ شەھەرنى ئىگىلەپ، شەھەرگە ئوت قويۇۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ، كەينىگە بۇرۇلۇپ، ئاي شەھىرىنىڭ ئادەملىرىگە ھۇجۇم قىلدى.


گىبئون شەھىرىدە ياشايدىغان خىۋلارمۇ يوشۇۋانىڭ ئېرىخا شەھىرى ۋە ئاي شەھىرىدە قىلغان ئىشلىرىنى ئاڭلاپ،


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan