12 يوشۇۋا يەنە رۇبېن، گاد قەبىلىلىرى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىغا مۇنداق دېدى:
پادىشاھ داۋۇت يىرىيانىڭ تۇغقانلىرىدىن 2700 نەپەر قابىلىيەتلىك جەمەت باشلىقلىرىنى مەمۇرىي ۋەزىپىلەرگە مەسئۇل قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرق تەرىپىدىكى رۇبېن، گاد قەبىلىلىرىگە ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ يېرىمىغا مەسئۇل بولۇپ، خۇدا ۋە پادىشاھنىڭ خىزمىتىنى قىلاتتى.
رۇبېن قەبىلىسى، گاد قەبىلىسى ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىنىڭ قالقان، قىلىچ ۋە ئوقيا بىلەن قوراللانغان، جەڭگە ياراملىق 44,760 نەپەر لەشكىرى بار ئىدى.
يوشۇۋا رۇبېن، گاد ۋە ماناسسە قەبىلىسىنىڭ شەرقىي يېرىمىدىكى قەبىلىلەرنى چاقىرىپ
ئۇلارغا: _ سىلەر پەرۋەردىگارنىڭ خىزمەتكارى مۇسا پەيغەمبەر سىلەرگە بۇيرۇغان ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدىڭلار، شۇنداقلا مېنىڭ بۇيرۇقلىرىمغىمۇ بويسۇندۇڭلار.