Biblia Todo Logo
Bìoball air-loidhne

- Sanasan -




يۇنۇس 4:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

2 شۇڭا ئۇ پەرۋەردىگارغا مۇنداق دېدى: _ ئى پەرۋەردىگار، يۇرتۇمدىكى ۋاقتىمدا سېنىڭ شۇنداق قىلىدىغانلىقىڭنى ئويلىغانىدىم! مەن سېنىڭ ئىنتايىن مېھرىبان ۋە رەھىمدىل خۇدا ئىكەنلىكىڭنى بىلىمەن. سېنىڭ ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيدىغانلىقىڭنى، مېھىر-مۇھەببىتىڭنىڭ چەكسىزلىكىنى، بالايىئاپەت كەلتۈرۈشنى خالىمايدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم. شۇڭا تارشىشقا قاچمىغانمىدىم؟!

Faic an caibideil Dèan lethbhreac




يۇنۇس 4:2
24 Iomraidhean Croise  

لېكىن رەببىم رەھىمدىل، شەپقەتلىكسەن، ئاسانلىقچە غەزەپلەنمەيسەن، مېھىر-مۇھەببەت، ساداقەتتە چەكسىزسەن.


خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.


ئى رەببىم، بەرھەق سەن مېھرىبان ۋە ئەپۇچان، مېھرىڭ چەكسىز، ئىلتىجا قىلغانلارغا ھەر قاچان.


قايسى ئىلاھ ساڭا ئوخشاش كەچۈرۈمچان؟! قايسى خۇدا ساڭا ئوخشاش سۈرگۈندىن ھايات قالغان ئۆز خەلقىنىڭ گۇناھلىرىنى كەچۈرگەن؟ سېنىڭ غەزىپىڭ مەڭگۈلۈك ئەمەستۇر، چۈنكى سەن مېھىر-مۇھەببەت كۆرسىتىشتىن خۇرسەن بولىسەن.


ئەگەر ئاگاھلاندۇرۇلغان ئەل ئۆزلىرى قىلغان رەزىل ئىشلىرىغا توۋا قىلسا، مەن ئۇلارنىڭ بېشىغا بالايىئاپەت چۈشۈرۈش نىيىتىمدىن يانىمەن.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز خەلقىگە بالايىئاپەت چۈشۈرمىدى.


بىراق خۇدا يەنىلا رەھىمدىل بولغاچ، گۇناھلىرىنى كەچۈرۈپ، يوقاتمىدى ئۇلارنى، قايتا-قايتا بېسىۋالدى غەزىپىنى، ھەم تۆكمىدى قەھرىنىڭ ھەممىسىنى.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەت يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.


خۇدا ئۇلارنىڭ توۋا قىلغانلىقلىرىنى، يەنى يامان يوللىرىدىن يانغانلىقىنى كۆرگەندە، ئىلگىرى ئۆزى ئۇلارنىڭ ئۈستىگە چۈشۈرمەكچى بولغان بالايىئاپەتلەرنى ئۇلارغا چۈشۈرمىدى.


لېكىن يۇنۇس ئۆزىنى پەرۋەردىگاردىن قاچۇرۇش ئۈچۈن تارشىشقا قاراپ، يول ئالدى. ئۇ جاففا شەھىرىگە بېرىپ، تارشىشقا بارىدىغان بىر كېمىنى تاپتى. ئۇ: «ئۇ يەرگە قېچىپ بارسام، پەرۋەردىگارنىڭ ھۇزۇرىدىن يىراق بولىمەن» دەپ ئويلىدى. ئۇ كېمىنىڭ يول ھەققىنى تۆلەپ، كېمىگە چىقىپ، كېمىچىلەر بىلەن بىرگە تارشىشقا قاراپ، يولغا ئالدى.


ئۆزى بىر كۈنلۈك يول يۈرۈپ، چۆلگە ئىچكىرىلەپ كىرىپ، بىر چاتقال تۈۋىگە كېلىپ ئولتۇرۇپ، پەرۋەردىگارغا: _ ئى پەرۋەردىگار، يېتەر ئەمدى، تويدۇم، جېنىمنى ئال. مېنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىمدىن ئارتۇق يېرىم يوق، _ دەپ خىتاب قىلدى.


شۇنىڭ بىلەن ئىگەم پەرۋەردىگار قارارىنى ئۆزگەرتىپ: «بۇ ئاپەتمۇ يۈز بەرمەيدۇ» دېدى.


ئى ئىگەم ئۆتۈنەي مەن، قايتىپ كەلگىن ئارىمىزغا، قاچانغىچە ياشايمىزكى موھتاج بولۇپ شەپقىتىڭگە؟ رەھىم ئەيلە سېنى سۆيگەن بەندىلىرىڭگە!


ئۇ كىشى ئۆزىنىڭ سوئال سورىشىنىڭ يوللۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، ھەزرىتى ئەيسادىن چۈشەندۈرۈش تەلەپ قىلىپ: - مېنىڭ سۆيۈشكە تېگىشلىك قوشنىلىرىم كىملەر؟ - دەپ سورىدى.


ئاندىن مەن مۇنداق دېدىم: «ئى پەرۋەردىگار، سەن مېنى ئالدىدىڭ، مەن سېنىڭ ئالدىشىڭغا يول قويدۇم. سەن مەندىن ئۈستۈن كېلىپ، مېنى يەڭدىڭ. ئادەملەر كۈن بويى مېنى مەسخىرە قىلىدۇ. ھەممە ئادەم مېنى مازاق قىلىدۇ.


چۈنكى پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا رەھىمدىل خۇدادۇر. ئۇ سىلەرنى تاشلىۋەتمەيدۇ، ھالاك قىلمايدۇ ھەم ئەجدادلىرىڭلار بىلەن تۈزگەن ئەھدىسىنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ.


خۇدا رەھىمدىل، شەپقەتلىكتۇر، ئاسانلىقچە غەزىپى كەلمەس، مېھىر-مۇھەببىتى چەكسىزدۇر.


شۇڭا ھازىر قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى ۋە مېڭىۋاتقان يولۇڭلارنى ئۆزگەرتىپ، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار پەرۋەردىگار سىلەرگە بالايىئاپەت ئېلىپ كېلىش نىيىتىدىن يانىدۇ.


«ئەگەر سىلەر داۋاملىق بۇ زېمىندا تۇرساڭلار، مەن سىلەرنى قۇدرەتلىك قىلىمەن، ۋەيران قىلمايمەن. سىلەرنى ئۆستۈرىمەن، قومۇرۇپ تاشلىمايمەن. چۈنكى سىلەرگە ئاپەت ئېلىپ كەلگىنىمدىن ناھايىتى قايغۇردۇم.


كىم بىلىدۇ، بەلكىم خۇدا نىيىتىدىن، قەھر-غەزىپىدىن يېنىپ، بىزنى ھالاك قىلمامدۇ تېخى!»


Lean sinn:

Sanasan


Sanasan